新闻详情

لاتارىيە سېتىۋېلىش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرغاندىلا بەختكە ئېرىشكىلى بولىدۇ

发表时间:2021-04-29 17:25作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

ئەڭ گۈزەل تۆتىنچى ئاي كەلدى، باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغان چاغلاردا بەخت-ئامەت سىزگە يار بولسۇن!

ھەر بىر «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنى ياخشى كۆرىدىغان لاتارىيەچىنىڭ ئۆزىنىڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش چۈشى بار بولۇپ، چەكسىز سېھرىي كۈچكە ئىگە « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى ھەمىشە ئۇنىڭغا قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان لاتارىيەچى دوستلارنى ئىختىيارسىز خۇشاللىق ۋە تەلەيگە ئېرىشتۈرىدۇ. 4- ئاينىڭ 4- كۈنى، «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2021035-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسى 65312402 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى بىراقلا 2 دو «قوش رەڭلىك توپ» 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 325366 يۈەن بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، ۋاڭ ئەپەندى ئىككى يىل ئىلگىرى «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، دەسلەپتە پەقەت تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بۇلۇپ ئويناشنى باشلىغان، ئانچە كۆپ ئويدا بولمىغان، كېيىن سېتىۋېلىش قېتىم سانى كۆپ بولغانسىرى، تەدرىجىي ھالدا «قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنىغا قىزىقىپ قالغان، ۋە ھەر بىر قاراردا تۇلۇق سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن، بۇ ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بىر خىل ئادىتىگە ئايلانغان، ۋە كاتتا مۇكاپاتقا بولغان تەلپۈنۈشىنى پەيدا قىلىشقا باشلىغان.

4 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، ۋاڭ ئەپەندى پوسكام ناھىيەسىدىكى 65312402 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، ئىشىكتىن كىرىپلا قولىدىكى ئالدىنقى قارارلىق «قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتىنى ساتقۇچىغا بېرىپ:«خاپا بولماي ماڭا مۇكاپات چىققان ياكى چىقمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بەرگەن بولسىڭىز»-دېدى. مال ساتقۇچى خادىم بېلەتنى قولىغا ئېلىپ، دو تىكىش ماشىنىسىدا سىكاننېرلاپ، مۇكاپاتقا چىقمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: « ئۇنداقتا داۋاملىق بۇ لاتارىيە بېلىتىدىكى بەش دو نۇمۇرغا يەككە شەكلىدىكى نومۇرنى ئىككى ھەسسە ئۇراي!»-دېدى.

شۇ كۈنى كەچ سائەت 10 ئەتراپىدا، ۋاڭ ئەپەندى ئۆيىدە كومپيۇتېر ئارقىلىق شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تورىدا شۇ قارارلىق مۇكاپات نومۇرىنى تەكشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ شۇ قاراردا سېتىۋالىغان بەش دو نۇمۇۇرى ئىچىدىن بىر دو نۇمۇر بىلەن شۇ قارارلىق مۇكاپات نۇمۇرى قىزىل توپ نۇمۇرى ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىدى، ۋاڭ ئەپەندى خۇشال بولۇپ، بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمەي قالدى، دەرھال ئايالىنى قايتا ـ قايتا سېلىشتۇرۇشقا چاقىردى، ئاندىن بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەندى.

4 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ۋاڭ ئەپەندى ئايالىنىڭ ھەمراھلىقىدا قەشقەر پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە كېلىپ، 325366 يۈەن مۇكاپات پۇلىنى ئالدى، ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:«گەرچە 1 ـ نومۇرلۇق سەۋەنلىك بىلەن 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ، لېكىن ناھايىتى رازى بولدۇم. ئىككى يىللىق نومۇرنى چىڭ ساقلاپ، بۈگۈن ئاخىرى ئۆزۈمگە تەۋە كاتتا مۇكاپاتنى كۈتۈۋالدىم، ئىشىنىمەنكى لاتارىيە سېتىۋېلىش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرغاندىلا، بىر گۈزەل ۋە بەختكە ئېرىشكىلى بولىدۇ!»-دېدى.

(قەشقەر تاڭ شياۋرۇڭ)

2.png

分享到: