新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيە گې ئەپەندى 34520 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-04-30 11:35作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

ـــ«كىم كۈزلا مول ھوسۇل ئالىدىغان پەسىل دەيدۇ، قاراڭ، مەن بۇ باش باھار پەسلىدىمۇ مول-ھوسۇل ئالدىمغۇ!»- «شادلىق 8» ئويۇنىدا 34250 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن چاقىلىق ناھىيەسى 65280240 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى گې ئەپەندى خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

گې ئەپەندى ئۆزىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى« شادلىق 8» ئويۇنىنى تەتقىق قىلىۋاتقىنىغا بىر مەزگىل بولغانلىقىنى، ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسىلا ھەر كۈنى قولدىن بېرىپ قويماي لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:«مەن ھەر كۈنى يۈزلىنىش ئىسخېمىسى تەتقىقات نومۇرىنى سېلىشتۇرىمەن، ئادەتتە ھەممىسى كىچىك بىرىكمە ۋە دەنتو ئارقىلىق دو تىكىدۇ»-دېدى.

4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى كەچتە، گې ئەپەندى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، شۇ كۈنى تېخى «شادلىق 8» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالمىغانلىقىنى ئويلاپ، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ 65280240 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ «شادلىق 8» مۇكاپات نومۇرىنىڭ يۈزلىنىش خەرىتىسىنى كۆزەتكەندىن كېيىن، دو تىكىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى «بەشنى تاللاش» ئويناش ئۇسۇلىغا قويۇشنى قارار قىلدى. بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن، گې ئەپەندى «دەن 4 چۈەنتو» دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، « 21، 36، 61، 79» دىن ئىبارەت تۆت تال دەنمانى بېكىتىپ، قالغان نومۇرلارنىڭ ھەممىسىنى توما قىلغان. ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىن، گې ئەپەندى ئىشتىن بالدۇر چۈشۈپ، يەنە 65280240 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، ئۇ يەنە بىر دو بەشنى تاللاش ئۇسۇلىدىكى«دەن 4 چۈەنتو» نومۇرىنى تاللىدى، شۇنىڭ بىلەن يەنە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى. ئالدىنقى كۈندىكى لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىۋالمىغاچقا، ئۇ شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئەھۋالىنى بىرلىكتە سېلىشتۇرۇپ باقماقچى بولدى.

شۇ كۈنى كەچتە، گې ئەپەندى شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئورگان تورىغا چىقىپ مۇكاپات نومۇرىنى تەكشۈردى، نەتىجىدە ئۇ بەكلا خۇش بولۇپ كەتتى، ئىككى كۈنلۈك «دەن 4 چۈەن تو» لاتارىيە بېلىتىدىن مۇكاپات چىققان ئىدى! قوش خۇشاللىق قۇشى ئۇلارنىڭ بېشىغا قوندى، گې ئەپەندى 34520 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن گې ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا ئۆزىنىڭ بۇنداق تەلەيلىك ئىكەنلىكىنى، نېمىنى ئويلىسا شۇ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانلىقىنى، ياخشى تەلەينىڭ داۋاملىشىشىنى، تېخىمۇ كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سۇڭ شۈەنلىن)

1.png

分享到: