新闻详情

ياش يىگىت شياۋجاڭ 172600 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-05-06 10:28作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئۇيۇنى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسىدىكى 65285502 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ناھايىتى قىزىپ كەتتى، ئانچە چوڭ بولمىغان دۇكانلارنىڭ سودىسىمۇ ناھايىتى قىزىپ كەتتى. 4- ئاينىڭ 23- كۈنى ئەتىگەندە، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا يەنە بىر خۇش خەۋەر تارقالدى، ئەسلىدە لاتارىيەچى شياۋجاڭ «شادلىق 8» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

شياۋجاڭ گەرچە يېشى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقىنىغا خېلى يىللار بولغانىدى، ئۇ ھەر ئايدا ئازراق «لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش پۇلى» نى يىغىپ، پىلان بويىچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالاتتى. يېقىنقى بىر مەزگىلدە، شياۋجاڭ ئۆتكەلنى ئىگىلەپ، نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن نەزىرىنى «شادلىق 8» ئويۇنىغا قويۇپ، ئۇدا نەچچە قېتىم كىچىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇ «شادلىق 8» نىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى.

22-ئاپرېل، شياۋجاڭ ئادەتتىكىگە ئوخشاش 65285502 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، «شادلىق 8» يۆنىلىش خەرىتىسى ئالدىدا ئىسسىق-سوغۇق نومۇرىنى كۆزىتىپ ۋە تەھلىل قىلىپ، يەنە يېقىندا چۈشۈپ قالغان نومۇرنى كۆرۈپ، شۇ قاراردا جۈپ سان بىر قەدەر كۆپ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شياۋجاڭ يەنىلا ئۆزى ئۇستا بولغان «دەن 4 چۈەن تو» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، «بەشنى تاللاش» ئۇسۇلى بويىچە ئويناشنى قارار قىلدى، ئەمما كەيپىياتى ياخشى بولغاچقا، ئىلگىرىكى بىر ھەسسىلەپ دو تىكىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، نەچچە ھەسسە دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللاندى.

مال ساتقۇچى شياۋجاڭ دېگەن نومۇرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: ـــ «نەچچە ھەسسە كېلىسىلەر؟»-دېدى، شياۋجاڭ بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ: ـــ «مەن ئۆزۈمگە بىر قېتىم جەڭ ئېلان قىلىشنى قارار قىلدىم. 10 ھەسسە بولسۇن! بەلكىم ماڭا ئامەت كېلىشى مۇمكىن! »-دېدى، ئويلىمىغان يەردىن شۇ كۈنى «شادلىق 8» مۇكاپات ئېچىلغاندىن كېيىن، شياۋجاڭ بەختكە يارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 172600 يۈەن بولدى.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىن مۇكاپات ئالغاندىن كېيىن، شياۋجاڭ:«"شادلىق 8" ئۇيۇنى ھەقىقەتەن بەك قىزىقارلىق ئىكەن، ئەمەلىي نەپ كۆپ ئىكەن! بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، مېنىڭ "لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش پۇلى" تېخىمۇ يېتەرلىك بولدى، مەن تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇلنى سىناپ، تېخىمۇ كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن تېرىشىمەن!»-دېدى.

(بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سۇڭ شۈەنلىن)

3.png

分享到: