新闻详情

ئۇ ھەممەيلەننى قىزىل كالا ئىچىملىكى بىلەن مېھمان قىلدى

发表时间:2021-05-07 12:02作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

ئىگىلىنىشىچە، قەشقەر يەكەن ناھىيەسىدىكى ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئەڭ چوڭ قىزىقىشى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئىكەن، ئادەتتە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، بوش ۋاقتى بولسىلا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا ئولتۇرۇپ، بىر نەچچە پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، كۆڭۈل ئېچىپ، كەيپىياتنى ئازادە قىلىدىكەن.

22-ئاپرېل كەچلىك تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندى ئۆيگە يېقىن ئەتراپتىكى 65318049 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، ئىشىكتىن كىرىپلا بىر نەچچە لاتارىيەچىنىڭ چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، خۇشاللىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ قولىدىكى لاتارىيە بېلىتىنى قىرىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئارىلاپ-ئارىلاپ ۋارقىرىغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ۋاڭ ئەپەندىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن لاۋۋاڭغا قاراپ: « لاۋۋاڭ، بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان يېتىپ كەلگەن يېڭى بېلەت "بەخت كۆز ئالدىمىزدىلا" سىناپ باقامسىز، بىزگە بىر نەچچە قېتىم مۇكاپات چىقتى»-دېدى.

بۇ چاغدا، ۋاڭ ئەپەندى يەڭلىرىنى شىمايلاپ، سىناپ بېقىشقا ئالدىراپ كەتتى، ئۇ مال ساتقۇچىغا كۈلۈپ تۇرۇپ: ـــ «ماڭىمۇ بەش تال قول ئېلىپ بېرىڭ تەلىيىمنى سىناپ باقاي، مۇكاپات كۆز ئالدىمدەكلا كۆرىنىۋاتىدۇ!»-دېدى، ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، مال ساتقۇچى خادىم بىر تۇتام «بەخت كۆز ئالدىدا» لاتارىيە بېلىتىنى ۋاڭ ئەپەندىنىڭ قولىغا سۇندى، ئۇ خالىغانچە بەش تال لاتارىيە بېلىتىنى ئالدى، ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ، بىر تىنىقتىلا تۆت تال لاتارىيە بېلىتىنى قىرىپ تۈگەتتى، ئەپسۇس مۇكاپات چىقمىدى، ئۇنىڭدا ئازراق ئۈمىدسىزلىك پەيدا بولدى.

ئەڭ ئاخىرقى بىر تال لاتارىيەنى قىرغاندىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندىنىڭ بېلەتنى ئېلىش سۈرئىتىنى ئاستىلاپ كەتتى، چۈنكى ئۇ ئويناش رايونىدىكى « مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ بىرىنچى نومۇرى بىلەن « مۇكاپات نومۇرى» نىڭ ئوخشاش بىر« 33» ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان مۇكاپات سوممىسىنىڭ 10 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ۋاڭ ئەپەندى چۆچۈپ كېتىپ، ھاياجانلانغان ھالدا ئورۇندۇقتىن سەكرەپ كەتتى:«مەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم! 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى!»-دەپ توۋلىدى، بۇ چاغدا مال ساتقۇچىمۇ كېلىپ سېلىشتۇرۇپ بەردى، سېلىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن:« مۇبارەك بولسۇن! 10000 يۈەن مۇكاپات چىقىپتۇ! سىزنىڭ تەلىيىڭىز بەك ياخشى ئىكەن!»-دېدى، باشقا لاتارىيەچىلەرمۇ بەس ـ بەستە ۋاڭ ئەپەندىنى تەبرىكلەشتى.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: « بۈگۈن كۆپچىلىككنىڭ تۆھپىسىدە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم! لاتارىيە پونكىتىدىكى ھەممەيلەننى بىر قۇتىدىن قىزىل كالا ئىچىملىكى بىلەن مېھمان قىلاي، سىلەرمۇ غەيرەت قىلىڭلار!»-دېدى.

(قەشقەر تاڭ شياۋرۇڭ)

5.png

分享到: