新闻详情

قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى، قىرغانسېرى خۇشال بولغىلى بۇلىدۇ

发表时间:2021-05-07 15:44作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا خۇشاللىق ئېلىپ كېلىپ، كەيپىياتنى خۇشال، روھلۇق قىلغىلى بولىدۇ؟ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ بىرنەچچە تال لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىڭ، بۇ كۆڭۈللۈك «ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۇسۇلى» چوقۇم سىزگە نۇرغۇن خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. مانا، 4 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىدە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىنى ياخشى كۆرىدىغان بىر لاتارىيەچى خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالدى، ئۇ «دائىم خۇشال يۈرۈش» ئۇيىنىدا 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ۋاڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى مەستانىسى» ئىكەن، ھەر قېتىم پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتكەندە، پونكىت ئىچىگە كىرىپ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى كۆرگەزمە ئىشكاپىغا قارايتتى، قىزىقارلىق يېڭى بېلەتلەرنىڭ بازارغا سېلىنغان-سېلىنمىغانلىقىغا قاراپ باقاتتى، يېڭى بېلەت سېلىنغان بولسا يېڭى بېلەتلەردىن بىر نەچچە پارچە سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقاتتى، يېڭى بېلەت بولمىسا، ئۆزى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغان كىلاسسىك بېلەتلەرنى تاللاپ ئوينايتتى.

شۇ كۈنى، ۋاڭ ئەپەندى 65310283 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ بەش پارچە «يۈزدەيۈز ئوتتۇرا چىقىش» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، لاتارىيە بېلىتىنى قىرىپ بولغاندىن كىيىن پەقەت 20 يۈەن مۇكاپات چىقتى. كونا ئادەت بويىچە، ئاز سوممىلىق مۇكاپات چىقسا ئۇ ئۇدۇللا بۇ پۇل بىلەن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالاتتى، چوڭ مۇكاپات چىققاندا ئاندىن مۇكاپات پۇلىنى نەقلەشتۈرەتتى، شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ ئەپەندى بۇ كىچىك مۇكاپات پۇلى بىلەن بەش پارچە «دائىم خۇشال يۈرۈش» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى.

ۋاڭ ئەپەندى ئىككىنچى پارچە لاتارىيە بېلىتىنى قىرغاندا، 10000 يۈەن تۇيۇقسىز كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى، ۋاڭ ئەپەندى ھەيران قالدىك، كۈتۈلمىگەن ئىش بولغان ئىدى، بۇ ھەقىقەتەن خۇش خەۋەر ئىدى، «دائىم خۇشال يۈرۈش» ئۇنىڭغا 10000 يۈەن مۇكاپات ئېلىپ كەلدى.

«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى قىرىپلا مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ، قانچە قىرغانسېرى شۇنچە خۇشال بولغىلى بۇلىدۇ!

1.png

分享到: