新闻详情

پەقەت ئۆزىڭىز خۇشال بولسىڭىزلا، ئامەت تەبىئىي ھالدا سىزگە قاراپ كېلىدۇ

发表时间:2021-05-08 14:12作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

باھار مەنزىرىسى ئادەمنى مەپتۇن قىلىدۇ، قۇشلار يېقىملىق سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ، بۇ گۈزەل كۈنلەردە، ئەلۋەتتە بىرلىكتە دالا سەيلىسى قىلغاندا، ئاندىن بۇ ياخشى مىنۇتلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىققىلى بولىدۇ. ئۆيدىن چىقىپ پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش نۇقتىسىدىن ئۆتكەندە، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، بەلكىم سىز كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. يېقىندا، ئىلى ئوبلاستىنىڭ نىلقا ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى دېھقان لاۋما «ئون ھەسسە ئامەت» ئۇيۇنىدا 400000 يۈەنلىك بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

4-ئاينىڭ 24-كۈنى، ھاۋا ئوچۇق، بۇلۇت شالاڭ ئىدى، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12 دە، ما بوۋاي ئىككى نەۋرىسىنى ئېلىپ، ئۆيىدىن ئانچە يىراق بولمىغان ئوتلاققا بېرىپ، بالىلار بىلەن دالا تامىقى يېيىشكە تەييارلىق قىلدى، بۇ ئارلىقتا 65410189 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتتى، ئۇ ھەركۈنى لاتارىيە سېتىۋېلىشقا ئادەتلەنگەن كونا لاتارىيەچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بالىلىرىنى ئېلىپ كىرىپ قىممىتى 10 يۈەنلىك بەش پارچە «ئون ھەسسە ئامەت» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، سېتىۋېلىپ بولغاندىن كېيىن يانچۇقىقا سېلىپ قۇيۇپ داۋاملىق يولغا چىقتى. مەنزىلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۈچەيلەننىڭ دالا تامىقى يېيىشى رەسمىي باشلانغاندىن كېيىن، لاۋما ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ بىر-بىرلەپ قىرىپ چىقتى، 400 مىڭ يۈەنلىك «ئون ھەسسە ئامەت» بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات تۆتىنچى پارچە لاتارىيە يوپۇقىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن خۇشاللىق ئىچىدە كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى، لاۋما خۇشال بولۇپ:« بۈگۈنكى دالا تامىقى ھەقىقەتەن ياخشى ۋاقىتتا بوپتۇ، ئەگەر دالا تامىقى يىگىلى چىقمىغان بولسام بۇ كاتتا مۇكاپات مەن بىلەن قانداقمۇ تەقدىرداش بولغان بولاتتى!»-دېدى.

لاۋ ما خۇشاللىق بىلەن: « مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، مېنىڭ كەيپىياتىم خۇددى بىر چوڭ بېلىقنى تۇتقانغا ئوخشاش بولۇپ قالدى، شۇ دەقىقىلەردە ھاياجانلانغان بولسام، ئۇنىڭدىن كىيىن كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشتى. مەن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا، خوشاللىقنى كۆزلىگەن ئىدىم، چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئويلاپ باقمىغان»»-دېدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ ئۇدۇل يولى يوق، كۆپىنچە تەلەيگە تايىنىدۇ، لاتارىيە سېتىۋالغاندا روھىي ھالەتنى تەڭشىگىلى بۇلىدۇ، دو تىككەندە مادارىغا قاراپ تىكىش كېرەك، زېرىككەندە ئويناش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك، پەقەت ئۆزىڭىز خۇشال بولسىڭىزلا، ئامەت تەبىئىي ھالدا سىزگە قاراپ كېلىدۇ.

(ئىلى ياڭخۇي)

6.png

分享到: