新闻详情

سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى بەخت ھەمكارلىق ساناتورىيەسىگە كەلدى

发表时间:2021-05-08 19:36作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى بەخت ھەمكارلىق ساناتورىيەسىگە كەلدى

«پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، ياشانغانلارغا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى


جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، 2021 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ليۇگۇڭ بازىرى شىسەنخۇ كەنتىدىكى بەخت ھەمكارلىق ساناتورىيەسىگە كېلىپ، «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، ياشانغانلارغا مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ساناتورىيەسىدىكى ياشانغانلارغا ئىللىقلىق ۋە غەمخورلۇق يەتكۈزدى.

8.png

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈلدى

ئالدى بىلەن پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇي كۆپچىلىكنى باشلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە سىياسەتلىرىنى ئۆگەندى، ئارقىدىن بەخت ھەمكارلىق ساناتورىيەسىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، ياشانغانلارنىڭ شىسەنخۇنىڭ تەرەققىيات تارىخى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلىدى.

شىسەنخۇ كەنتى سانجى شەھىرى تۇنجى تۈركۈمدە بەرپا قىلغان يېزا ـ كەنت يىرىك پىلانى ياخشى، كەنت قىياپىتى ياخشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى بولغان گۈزەل كەنت، كەنت ئاھالىلىرىدىن خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق كۆپ مىللەت بار بولۇپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش، خاس باقمىچىلىق ۋە 3 ـ كەسىپ مۇلازىمەت كەسپىنى ئاساس قىلىدۇ. شىسەنخۇ كەنت ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ مەملىكەت بويىچە ئېكولوگىيەلىك مەدەنىي كەنت، ئوبلاست دەرىجىلىك گۈزەل ئۈلگىلىك كەنت، ئوبلاست دەرىجىلىك مەدەنىي ئۈلگىلىك كەنت، ئوبلاست دەرىجىلىك سەھىيە ئۈلگىلىك كەنتى قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن.

لېكسىيە سۆزلەش، ئۆگىنىش ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى چۈشىنىش، ئەسلىي مەقسەت ـ بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىش، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئامما ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تونۇپ يەتتى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىشەنچنى كۈچەيتىدىغان، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەيدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» دېگەن ئىدىيەنى ئەستە چىڭ ساقلىدى.

9.png

ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ياشانغانلارغا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزىمەن

بەخت ھەمكارلىق ساناتورىيەسىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەملەر بايان قىلغان شىسەنخۇ كەنت تەرەققىيات تارىخىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك شىسەنخۇ كەنتىنىڭ ئون نەچچە يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ھەممە يەردە ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى ئىگىلىدى.

قاتار ـ قاتار ئېگىز بىنالار يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك قەد كۆتۈردى، قاتار ـ قاتار چوڭ يوللار ئەجدىھاغا ئوخشاش ئايلىنىپ ئۇزاردى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۈنسېرى ئۆستى. پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشى بولمىغان بولسا، بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمىغان بولاتتى، بىز پېشقەدەملەرنىڭ جاپا ـ مۇشەققىتىنى ۋە ئەجرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. پىدائىيلار كېلىشىۋالغاندەكلا ئېلىپ كەلگەن گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىقلارنى ياشانغانلارغا بىر-بىرلەپ يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئارقىدىنلا پىدائىيلار يەنە بەس ـ بەستە ھەرىكەتكە كېلىپ، ياشانغانلارغا ياردەملىشىپ ھويلا ـ ئارانلارنى تازىلاپ بەردى، گۈللۈكتىكى ئوت ـ چۆپلەرنى تازىلىدى، بەزىلىرى يەنە تەشۋىقاتچى بولۇپ، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلى، كۈتۈنۈش، ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرىنى چۈشەندۈردى.

10.png11.png12.png

ئاق كۆڭۈل، ۋاپادار بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى. بۇ قېتىمقى ھال سوراش پائالىيىتى گەرچە قىسقا بولسىمۇ، لېكىن ياشانغانلارغا ئىللىقلىق ۋە غەمخورلۇق يەتكۈزۈلدى، ياشانغانلارنىڭ خۇشال تەبەسسۇمى پائالىيەتكە قاتناشقان ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىغا پائالىيەتنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، تەشكىلنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئاساسىنى پۇختىلاپ، ياشانغانلارنى سۆيۈش، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش ياخشى كەيپىياتىنى يارىتىپ، جەمئىيەتتە ئاكتىپ كۈچ تارقاتتى.

(سانجى فېڭرۇي)

分享到: