新闻详情

ياڭ ئەپەندى «قوش رەڭلىك توپ» تاللاش تەسىراتىنى ئورتاقلاشتى

发表时间:2021-05-10 19:03作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

ياڭ ئەپەندى بۇ يىل 40 نەچچە ياشقا كىرگەن بولۇپ، « قوش رەڭلىك توپ» نى خېلى تەتقىق قىلغان. گەرچە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن دائىم ئوتتۇرا، كىچىك دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ.

4 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، يەنە «قوش رەڭلىك توپ» مۇكاپات ئېچىلىدىغان كۈن ئىدى، شۇ كۈنى ياڭ ئەپەندى ئىش بېجىرىپ قەشقەر شەھىرىدىكى 65310137 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتۈپ، كىرىپ ئارام ئالغاچ، ئاندىن بىر نەچچە دو «قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى. تەخمىنەن يېرىم سائەتتىن كېيىن، تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ياڭ ئەپەندى «دەنتو» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ دو تىكىشنى قارار قىلدى. ئۇ يېزىپ بولغان نومۇرنى مال ساتقۇچىغا سۇنۇپ مۇنداق دېدى: « خاپا بولماي ماڭا بىر ھەسسە < قوش رەڭلىك توپ>   نى ئۇرۇپ بېرىڭ. »-دېدى، ساتقۇچىنىڭ ھەرىكىتى چەبدەسلىك بىلەن دو تىكىش نومۇرىنى چېكىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما بېلەتنى دەرھال چىقارمىغان، چەكتىكى سومما بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، ياڭ ئەپەندىدىن جەزملەشتۈرگەن ياكى بېكىتمىگەنلىكىنى قايتا-قايتا سورىغان. ئۆزگەرتىش كېرەكمۇ؟ ياڭ ئەپەندى ناھايىتى كەسكىنلىك بىلەن مال ساتقۇچىغا مۇنداق دېدى: « ئۆزگەرتمەيمىز، پەقەت شۇ!»-دېدى، نەتىجىدە شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلغاندىن كېيىن، ياڭ ئەپەندى 31530 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئەتىسى ياڭ ئەپەندى قەشقەر ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ، ئۆزىنىڭ تەلەيلىك مۇكاپات پۇلىنى ئالدى ھەمدە خىزمەتچى خادىملار بىلەن نومۇر تاللاش ماھارىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى. ياڭ ئەپەندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆزىنىڭ ئۈچ خىل تەسىراتى بارلىقىنى؛ بىرىنچىسى، ئالدىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم نومۇردىن بىرنى تاللاش، قوش رەڭلىك توپ پوتېنسىيال خەرىتىسىنى كۆزىتىپ، قىزىل رەڭلىك توپ تەكرار نومۇرىنىڭ دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقايمىز. شۇڭا ئالدىنقى قاراردا چىققان ئالتە قىزىل توپ نومۇرىدىن بىر نومۇرنى تاللاپ شۇ قاراردىكى نومۇر قىلساق بولىدۇ؛ ئىككىنچى بىر گۇرۇپپا ئۇلانما نومۇرنى تاللاش، تۇتاش نومۇرمۇ دائىم كۆرۈلىدىغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، قوش رەڭلىك توپ باشلاش نومۇرىدا تۇتاش نومۇرمۇ دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، ئادەتتە بىر گۇرۇپپا ياكى ئىككى گۇرۇپپا ئىككى تۇتاش نومۇر پەيدا بولىدۇ، بەزىدە بىر گۇرۇپپا ئۈچ تۇتاش نۇمۇت پەيدا بولىدۇ، شۇڭا كۈندىلىك نومۇر تاللاشتا، ئاز دېگەندە بىر گۇرۇپپا تۇتاش نومۇر تاللاشقا بولىدۇ؛ ئۈچىنچى، سوغۇق نومۇرنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى نومۇرغا دىققەت قىلىش، قوش رەڭلىك توپ قىزىل توپ ئىچىدە 33 نۇمۇر بار، بىرىنچى باسقۇچتا پەقەت ئالتە نومۇرلا ئېچىلىدۇ، شۇڭا بەزى نومۇرلار ئۇزۇن مۇددەت چۈشۈپ قالىدۇ، بۇ خىل نومۇر سوغۇق نومۇر دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ يېنىدىكى نومۇر كۆپ ھاللاردا ئاسان ئېچىلىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئۈچ نۇقتا ياڭ ئەپەندىنىڭ نومۇر تاللاش تەسىراتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلگىرى كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىشى مۇشۇ ئۈچ نۇقتى سەۋەبلىك ئىدى. ياڭ ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى:«تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، لاتارىيە بولسا بىر كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرلىك ئويۇن، يۈزدەيۈز مۇكاپات چىقىش ئۇسۇلى يوق، كۆپ ھاللاردا مۇكاپات چىقىشنى يەنىلا تەلەي بەلگىلەيدۇ.»-دېدى.

(قەشقەر تاڭ شياۋرۇڭ)

14.png

分享到: