新闻详情

پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللايمەن

发表时间:2021-05-11 14:35作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

«شادلىق 8» ئويۇنى شىنجاڭدا بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، ھەر مىللەت لاتارىيەچى دوستلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، قەشقەردىكى ئۇيغۇر لاتارىيەچى ئالىم ئەپەندى شۇلارنىڭ بىرى ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى:«شادلىق 8» ئويۇنى ناھايىتى قىزىقارلىق ئۇيۇن، بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، مەن بىرىنچى بولۇپ ئالقىشلاپ قوللىدىم»-دېدى.

ئالىم ئەپەندى مۇنداق دېدى:«مەن ئىزچىل سانلىق مەلۇماتلارنى تەتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن، "شادلىق 8" ئويۇنى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن دەرھال ياخشى كۆرۈپ قالدىم، كۆپ خىل دو تىكىش ئۇسۇللىرىدا، مەن "دەنما چۈەنتو"نى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، بۇ خىل ئۇسۇلدا مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نومۇر تاللاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئازايتقىلى بۇلىدۇ، دەل شۇنداق بولغاچقا، بۇ ئۇسۇل كەڭ كۆلەمدە كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.»-دېدى.

4 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، «شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ 2021104 ـ قارار مۇكاپات ئېچىلىشى بىلەن، ئالىم ئەپەندى قەشقەر يوپۇغا ناھىيەسىدە 65310266 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، ئۇ قىممىتى 150 يۈەنلىك «ئالتىنى تاللاش» ئۇسۇلى بويىچە «دەن 5 چۈەنتو» لاتارىيەسىگە تايىنىپ، بەختكە يارىشا 46800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىككىنچى كۈنى، ئالىم ئەپەندى قەشقەر ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات ئالدى، ئۇ خىزمەتچى خادىملارغا مۇنداق دېدى:«بۇ قېتىم تەلىيىم ئوڭدىن كەلدى، مۇكاپات سوممىسى كۆپ بولدى، كېيىن يەنە داۋاملىق "شادلىق 8" ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللايمەن»-دېدى.

(قەشقەر تاڭ شياۋرۇڭ)

16.png

分享到: