新闻详情

ئۇلار بىرلىشىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى

发表时间:2021-05-14 15:20作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

يېقىندا، لاتارىيەچىلەرنىڭ «شادلىق 8» گە بولغان كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىدى، بۇ خىل ئويۇن مۇكاپات تارقىتىش، مۇكاپات دائىرىسى كەڭ بولۇش، مۇكاپات سوممىسى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپلا قالماي، دەنتو دو تىكىش، بىرلىشىپ سېتىۋېلىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بىلىپ ـ بىلمەيلا «شادلىق 8» ئويۇنىدا مودا بولغان لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئۇسۇلىغا ئايلاندى، مانا بۇ سانجى ئوبلاستىدىكى لاتارىيەچى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خۇش خەۋەرلەر ئارقا ـ ئارقىدىن تارقالدى.

19.png

5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، سانجى ئوبلاستى ۋۇجياچۈ شەھىرى 102 ـ تۈەن 65452315 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى لاۋكې يەنە ئادەتتىكىگە ئوخشاش «شادلىق 8» بىرلىشىپ سېتىۋېلىش توپىدىكى لاتارىيەچى دوستلارنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشقا تەشكىللىدى. لاۋكېنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، « نومۇر تاللاشنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە لاتارىيەچىلەرنى بىرلىشىپ سېتىۋېلىشنى تەشكىللەشتە بىرلا خىل ئويناش ئۇسۇلىنى تاللاشقا بولمايدۇ، بەلكى كۆپ خىللىقنى تاللىغاندىلا ئاندىن مۇكاپاتقا ئېرىشىش نىسبىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، تەلەي ئوڭدىن كەلسە چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ.» بىرلىشىپ سېتىۋېلىش توپى شۇ كۈنى مول ھوسۇل ئالدى، يەتتىنى تاللاپ دەن تو دو تىكىش، بەشنى تاللاپ تەكرار دو تىكىش، بەشنى تاللاپ دەن تو دو تىكىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 5972 يۈەن، 6315 يۈەن، 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

لاتارىيەچى لاۋكې 65452315 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى نامى بار لاتارىيەچى، شەخستىن خېلى كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە تەشكىل قىلغان بىرلىشىپ سېتىۋېلىش توپىدىكى سەيمىنلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن، بىرلىشىپ سېتىۋېلىش توپى دەسلەپكى 30 نەچچە ئادەمدىن ھازىرقى 120 نەچچە ئادەمگە يەتتى. لاۋ كې مۇنداق دېدى: « بىز ھەممىمىز بىرلىكتە سېتىۋالىمىز، كۆپنىڭ كۈچى كۆپ بولىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمىز تەبىئىي ياخشى بولىدۇ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى < دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي تىزىملىكى> نىڭ كۆپىنچىسى بىزنىڭ نەتىجىمىز. مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنىدىلا بىرلىشىپ سېتىۋېلىش توپىمىز جەمئىي 29547 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بىرلىشىپ سېتىۋېلىش توپىدىكى لاتارىيەچىلەر بۇ كېچىنى خۇشال ئۆتكۈزدى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.»-دېدى.

بۇ يەردە، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ نوپۇزلۇق پېشقەدەم لاتارىيەچى بولۇش سۈپىتى بىلەن لاۋكې مۇنىلارنى بىلدۈردى، ئۇ تېخىمۇ كۆپ لاتارىيەچىنىڭ «شادلىق 8» ئويۇنىغا قاتنىشىپ، «شادلىق 8» ئويۇنى ئېلىپ كەلگەن بەخت ۋە خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى!

(سانجى يەنخۇڭتاۋ)

20.png

分享到: