新闻详情

پارتىيە تارىخىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش

发表时间:2021-05-25 17:15作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

پارتىيە تارىخىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش

ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى جۇڭگو ئىشچى ـ دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيىغا كەلدى


پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيە تارىخىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىدىن بۇيان بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ئاڭلىق ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، « پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش» نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. 5 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن ئون نەچچە كىشىنى تەشكىللەپ، جۇڭگو ئىشچى ـ دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيىغا كىرىپ، پارتىيە تارىخى تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى.

29.png

قاتار قاتار سۈرەتلەر، ئەمەلىي بۇيۇملار جۇڭگو ئىشچى ـ دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئازادلىقى، كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ قۇربان بەرگەنلىكىدەك شانلىق ئىش ـ ئىزلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، ھەقىقىي نامايان قىلىپ، پېشقەدەم ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس غايە ـ ئېتىقادى، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان ھەربىي روھ ئېڭى، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىدىغان جەڭ ئىستىلى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان سىياسىي خىسلىتى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تۈپ مەقسىتى ۋە ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماسلىقتەك ئالىيجاناب ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق روھىنى نامايان قىلدى.

30.png

ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى بىر قېتىملىق روھقا چېتىلىدىغان ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، بىر قېتىملىق جانلىق «پارتىيە دەرسى» گە قاتناشتى. پارتىيە ئەزالىرى بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: قەھرىمانلار ـ قۇربانلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ـ ئىزلىرىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جان ـ دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتى ۋە قەتئىي غايە ـ ئېتىقادنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، بەخت ـ سائادەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن پۇختا تۈرتكە بولىمىز.

31.png

(ئۈرۈمچى شەھىرى جاڭ مىن)

分享到: