新闻详情

قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى مۇسابىقىسىنى باھالاش پائالىيىتى

发表时间:2021-05-25 18:23作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

«100 يىللىق شانلىق نەتىجە ئۈچۈن سوۋغا تەقدىم قىلىپ، بەختلىك تۇرمۇش يارىتايلى»

شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى مۇسابىقىسىنى باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى


جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ۋە گۈزەل تىلەكلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى «100 يىللىق شانلىق نەتىجە ئۈچۈن سوۋغا تەقدىم قىلىپ، بەختلىك تۇرمۇش يارىتايلى» باش تېما قىلىنغان قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى مۇسابىقىسىنى باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

32.png

بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان ئەسەرلەرنى توپلاش ئارقىلىق، شىنجاڭ بويىچە «تەكشىلىكنى تۇتاشتۇرۇش» ۋە «ستېرېئولۇق تۇتاشتۇرۇش» تىن ئىبارەت ئىككى خىل تۈردىكى ئەسەردىن 45 ى توپلاندى. 5 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى ئەسەرلەرنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، 45 پارچە ئەسەر كۆزگە تاشلاندى، شەكلى ئۆزگىچە، مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بولغان گۈزەل تىلەكلىرى مول بولۇپ، نەق مەيداندىكى باھالىغۇچىلار ۋە تاماشىبىنلارنىڭ كۆزىنى قاماشتۇردى. باھالاش ھالقىسىدا، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان باھالىغۇچىلار ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئەسەرنىڭ باش تېمىسىنىڭ مەنىسى، ئوبراز يارىتىش ئىجادىيىتى ۋە ئىشلەش ھۈنەر ـ سەنئىتىدىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن بىر ـ بىرلەپ ئۇنىۋېرسال باھالاپ نومۇر قويدى، ئەڭ ئاخىرىدا 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەردىن ئالتىسى، 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەردىن توققۇزى، 3 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەردىن 15 ى باھالاپ چىقىلدى.

33.png42.png

34.png

(ئۇچقۇن)

35.png

(100 يىللىق جۇڭگو)

36.png

(پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا سوۋغا قىلىندى)

37.png

(100 يىللىق شانلىق نەتىجە)

38.png

(كومپارتىيەگە ئەگىشىپ، جۇڭگو ئارزۇسىغا ئاتلىنىش)

39.png

(توزنىڭ قانىتىنى ئېچىشى)

مۇسابىقە قائىدىسىگە ئاساسەن، 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر جۇڭگو لاتارىيەسى مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان يەنى لاتارىيە قول ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇملىرى ئىجادىيەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلىدۇ.

40.png

41.png

پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا سوۋغا قىلىش، يەنى لاتارىيە بېلەت قول ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇملىرى مۇسابىقىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى لاتارىيە كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە كەڭ لاتارىيەچىلەرنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى، كۆپچىلىك كۆپنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، لاتارىيە بېلىتى تۈرىدىكى كېرەكسىز بېلەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، باش تېمىسى روشەن، مەنىسى چوڭقۇر، ئىنتايىن ھۇزۇرلىنىشچانلىققا ئىگە قول ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇملىرىنى لايىھەلەپ ياساپ چىقىپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى، خەير ـ ساخاۋەت، ساغلاملىق، خۇشاللىق، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى. پائالىيەتتە «پاراۋانلىق لاتارىيەسى، قۇياش نۇرى لاتارىيەسى» دىن ئىبارەت ياخشى ئوبراز نامايان قىلىنىپ، ئاممىغا مول، رەڭدار پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەدەنىيىتى تەشۋىق قىلىنىپلا قالماي، يەنە كېرەكسىز لاتارىيە بېلەتنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش ئارقىلىق، يېشىل مۇھىت ئاسراش ئىدىيەسى تەشەببۇس قىلىنىپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى نامايان قىلىندى.

(شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزى تەشۋىقات قىلدى)

分享到: