新闻详情

ئۈرۈمچىلىك ئامەتلىك لاتارىيەچى ۋۇ ئەپەندى 300 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-05-26 18:47作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەتكە چىققان 300 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىنى ئۆيگە ئېلىپ كەلدى!

«بۇ دەم ئېلىش بەك كۆڭۈللۈك بولدى، راھەت دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە پاراۋانلىق لاتارىيەسىدە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم! ھەقىقەتەن بەك بەختلىك ئىش بولدى! 5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى سەھەردە، ۋۇ ئەپەندى خۇشال ھالدا شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كەلدى، ئۇنىڭ قولىدا بىر پارچە «بەخت كۆز ئالدىدا» لاتارىيە بېلىتى بار بۇلۇپ ئۇ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىردى.

مۇكاپاتقا ئېرىشىش جەريانى تىلغا ئېلىنغاندا، ۋۇ ئەپەندىنىڭ چېھرىدە باشتىن ـ ئاخىر تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇ بىر خىل ئىنتايىن خۇشال ۋە راھەت چىراي ئىپادىسى بولۇپ، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ۋۇ ئەپەندىنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن خۇشاللىق ئاتا قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 5 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، ۋۇ ئەپەندى دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ جەنۇبىي تاغقا ئوينىغىلى باردى، چۈشتە شۇيشىگۇ بازىرىدا غىزالانغاندىن كېيىن، ئۇ بازاردا ئايلىنىپ يۈرۈپ، 65010590 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنى كۆردى.   «بۇ يەردىمۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى بارلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن.» ۋۇ ئەپەندى بىر پېشقەدەم لاتارىيەچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىختىيارسىز پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ كەتتى. ۋۇ ئەپەندى بىر نەچچە دو «قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندىن كېيىن، بىر نەچچە لاتارىيەچىنىڭ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئارىدا بىر نەچچە لاتارىيەچى كىچىك مۇكاپات چىققانلىقىنى تەنتەنە قىلىشتى، بۇ خىل كەيپىيات ئۇنى جەلىپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىممىتى 10 يۈەنلىك «بەخت كۆز ئالدىدا» لاتارىيە بېلىتىدىن بەشنى سېتىۋالدى.

«لاتارىيە يۈزىگە قارىسىڭىز خۇشاللىق ھېس قىلىسىز، لاتارىيە نامىمۇ ناھايىتى خەيرلىك، تەلەينىڭ قانداق كەلگەنلىكىنى بىلمەيلا قالىسىز.» ۋۇ ئەپەندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككىنچى پارچىسىنى قىرغاندا، چوڭ خۇشاللىق پەيدا بولدى، «مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن « مۇكاپات نومۇرى» ئوخشاش «01» پەيدا بولدى،   مۇكاپات سوممىسى بولسا 300 مىڭ يۈەن! « شۇ چاغدا بەك ھاياجانلاندىم، بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمىدىم. مال ساتقۇچى خادىم جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ھەقىقەتەن كاتتا مۇكاپات چىققانلىقىغا ئىشەندىم.» ۋۇ ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۆزىنىڭ لاتارىيە بېلىتى بىلەن ئۇچراشقىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل كومپيۇتېر بېلىتىنى ياخشى كۆرۈپ كەلگەن، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» نى ئانچە كۆپ ئوينىمايدىكەن، ئويلىمىغان يەردىن بۇ قېتىم ئۆزى خالىغانچە بىر نەچچە تال سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ۋۇ ئەپەندى:« بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن! پەقەت ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ! »-دېدى.

ۋۇ ئەپەندى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغىنىغا شۇنچە يىل بولغان بولسىمۇ، ئۇ باشتىن ـ ئاخىر ئادەتتىكىچە كەيپىياتتا مۇنداق دېدى:«خىراجەت كۆپ ئەمەس، بىر نەچچە پارچە لاتارىيە سېتىۋېلىپ كۆڭلۈمنى خۇشال قىلىمەن، شۇنداقلا خەير ـ ساخاۋەت ئىشلىرى قىلغان بۇلىمەن، بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش!» بۇ مۇكاپاتنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«بۇ كاتتا مۇكاپات بىر قەدەر تۇيۇقسىز كەلدى، قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىپ بولالمىدىم، بىراق بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋېلىپ، خۇشاللىقتىن بەھرىمان بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پاراۋانلىق خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزەمنىڭ بىر كىشلىك كۈچىنى قۇشىمەن!»-دېدى.

(ئۈرۈمچى جاڭ مىن)

1.png

分享到: