新闻详情

تەلەي ئامەت ھەمىشە ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئوخشايدۇ

发表时间:2021-05-26 17:07作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

يېقىندا، ئالتايدىكى لاتارىيەچىلەر كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان خۇش خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالدى، بېيتۈن بازىرىدىكى لاتارىيەچى پاراۋانلىق لاتارىيە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «شان-شەرەپ بىلەن ئالتۇن تالىشىش» لاتارىيە بېلەت تۈرىدە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 250000 يۈەن بولدى!

تەلەيلىك شىياۋما (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) كونا پىشقەدەم لاتارىيەچى بۇلۇپ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىكى قىزىقىشلىرىنىڭ بىرى، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى بىر توپ لاتارىيەچى «سەپداشلار» بىلەن ھەرخىل ئويۇنلارنى مۇزاكىرە قىلىش ئىدى. 5 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى كەچتە، شياۋما دوستى شياۋفا ئەۋەتكەن ياردەم تەلەپ قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇ ماشىنا ھەيدەپ دوستىنىڭ ئانىسىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشى كېرەك ئىدى، گەرچە كەچ بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئاق كۆڭۈل شياۋما گەپ قىلمايلا دوستىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ياردەملەشتى. ئىشلارنى تۈگىتىپ ئۆيگە قايتىش يولىدا 65430105 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتتى، شياۋما مال ساتقۇچىنىڭ يەنىلا ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردى، ۋە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ بىر نەچچە پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىشقا تەييارلىق قىلدى.

پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپلا شياۋما «شان-شەرەپ بىلەن ئالتۇن تالىشىش» لاتارىيە بېلىتىگە مەپتۇن بولۇپ قالدى، شياۋما ساتقۇچىدىن: « بۇ بېلەت يېڭى بېلەتمۇ؟ بۇ چوڭ لوڭقىغا قارىسا دەھشەت چىقىپتۇ، ماڭا 5 تال بېرىڭ، تەلىيىمنى سىناپ باقاي.»-دېدى، مال ساتقۇچى دەرھال بېلەتنى شياۋماغا بەردى، شياۋما ئىككىنچى پارچە بېلەتنى قىرىۋاتقاندا، ھاياجانلانغان ھالدا: ـــ ۋاي تەڭرىم، ماڭا 250 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى!!! ــ دېدى. مال ساتقۇچىمۇ خۇشال بولۇپ: « تەلىيىڭىز بار ئىكەن، چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپسىز»-دېدى.

ئەتىسى، شياۋما ئاتا ـ ئانىسى بىلەن بىللە ئالتاي پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«ھەقىقەتەن ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ،   يەنە بىر قانچە پارچە "قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش" ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش بىلەن ئويلىمىغان يەردىن 250 مىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، قارىغاندا تەلەي ئامەت ھەمىشە ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئوخشايدۇ، مەن بۇ مۇكاپات بىلەن دادامغا بىر ئاپتوموبىل ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنى ساياھەتكە ئېلىپ چىقىمەن!»-دېدى.

(ئالتاي ۋېيجيا ماگنىي)

2.png

分享到: