新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى ياڭ خانىم «520» دە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-05-27 17:21作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

«520» دېگەن سۆز «مەن سىزنى سۆيىمەن» دېگەن سۆز مەنىسى بىلەن ئوخشاش بولغاچقا، نۇرغۇن كىشى بۇ كۈننى ناھايىتى ياقتۇرىدۇ، شۇ كۈنى سانجى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ياڭ ھەدە «520» مۇھەببەت سوۋغىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.

5 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى ئەتىگەندە، ياڭ ھەدە سانجى شەھىرىنىڭ قىزىل بايراق يولى بىرلەشمە پېرېۋوت بازىرىغا كېلىپ ئازراق كۆكتات سېتىۋالدى، يولدا قىزىل بايراق ئولتۇراق رايونى دەرۋازىسى ئالدىدىكى 65230272 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، 50 يۈەنلىك «دەرىجىدىن تاشقىرى ئامەت» تىن بىرنى سېتىۋالدى، ئەسلىدە تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولغان بولسىمۇ، ئويلىمىغان يەردىن 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئەسلىدە، ياڭ ھەدە پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى بىر پېشقەدەم لاتارىيەچى بولۇپ، ئۇ خىزمەتتىن پېنسىيەگە چىققىلى بىر نەچچە يىل بولغان، پاراۋانلىق لاتارىيە ئويناشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بۇلۇپ، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتىدىن ھەر كۈنى دېگۈدەك بىر-ئىككىنى سېتىۋېلىپ سىناپ باقىدىكەن. «پاراۋانلىق لاتارىيە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى، قىرغانسىرى خۇشال بولغىلى بۇلىدۇ ئەمەسمۇ!» ياڭ ھەدىنىڭ نەزىرىدە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئۆزىگە مۇكاپات چىقىدىغان بىر پۇرسەت يارتىش ئىدى.

5- ئاينىڭ 20- كۈنى، كۆكتات سېتىۋالغىلى بارماقچى بولغان ياڭ ھەدە دوختۇرخانىدىكى قىزچاقنىڭ بۇ كۈننىڭ «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى» دېگىنىنى ئاڭلىدى، شۇڭا شۇ كۈنى ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپلا مال ساتقۇچى شياۋ سۇغا «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» دىن ئىككى تال ئېلىپ بېرىشنى ئېيتتى. «520 ياخشى كۈن، بۈگۈن مەن راستىنلا "دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي" لىك كىشىم بولامدىم ـ يوق!»-پۇلنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، ياڭ ھەدە لاتارىيە بېلىتىنى ئەستايىدىللىق بىلەن قېرىشقا باشلىدى، بىرىنچىسىدە مۇكاپات چىقمىدى، ئۇ يەنە قولىدىكى ئىككىنچى پارچە لاتارىيە بېلىتىنى قىرىۋەتكەندىن كېيىن، بىر قاتار سانلار بىردىنلا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا: « مەن 520 سوۋغاتقا ئېرىشتىم! بۈگۈن ھەقىقەتەن بەك تەلەيلىك كۈن بولدى!»-دېگىنىچە خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى، بىر چەتتە تۇرۇپ لاتارىيە بېلىتى ئېلىۋاتقان لاتارىيەچىلەر ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇنى ئورىۋېلىشتى، بىرسى قارىۋىدى، ئەسلىدە ياڭ ھەدىگە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىققان ئىكەن!

مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن ياڭ ھەدە دەرھال يان تېلېفونىنى چىقىرىپ سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇردى، دوستلار چەمبىرىكىگە بۇ خۇش خەۋەرنى يوللىدى، كۆپچىلىك ھەۋەس قىلغان خۇشاللىق ساداسى ئىچىدە، مال ساتقۇچى شياۋس ياڭ ھەدىگە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بەردى.

2021 ـ يىلىدىكى «520» نى ياڭ ھەدە مۇكاپاتقا ئېرىشىش خۇشاللىقى ئىچىدە ئۆتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەھرىرمۇ تېخىمۇ كۆپ لاتارىيەچىلەرنىڭ مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش بىلەن بىللە، مۇكاپاتقا ئېرىشىش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلدۇ، شۇنداقلا پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان بايراملاردا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلىشىنى چىن كۆڭلىدىن ئۈمىد قىلدۇ!

(سانجى لىنفېڭ)

3.png

分享到: