新闻详情

تارىيەدە كاتتا مۇكاپات چىقىش، ھەر بىر لاتارىيەچىنىڭ ئارزۇسى

发表时间:2021-05-27 18:05作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

ھەممىسى تەڭرى ئەزەلدىن ئارزۇسى بار ئادەمنى نائۈمىدتە قويمايدۇ، پەقەت ئۆزىگە ئۇلۇغۋار نىشاننى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ئۆزىنىڭ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ كۈرەش قىلغان ئادەملا بەختلىك ئادەمدۇر دېيىشىدۇ. پۇرسەت ھامان تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇپ، چۈنكى بەخت ئىشىكنى چەككەندە، ئۇ ئەزەلدىن سىزدىن بار-يوقلۇقىڭىزنى سورىمايدۇ.

شياۋلۈ يۈننەنلىك بولۇپ، ئىلىدىكى تېكەس ناھىيىسىدە تىجارەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ بويى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ۋۇجۇدىدىن يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان بىر خىل كۈچ چىقىپ تۇرىدۇ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ قايسى ئويۇنى ئۇنى ئەڭ خۇشال قىلالايدۇ؟ تەبىئىيكى، ئۇ قىرغان ھامان ئاچقىلى بۇلىدىغان «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيىنىدۇر!   5–ئاينىڭ 16–كۈنى كەچتە، شياۋلۈ دۇكاندا ئالدىراش يۈرۈپ بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكە، شۇ كۈندىكى لاتارىيە بېلىتىنى تېخى ئالمىغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تاماق يېيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي، دۇكاننى تاقاپ بولغاندىن كېيىن ئۇدۇل تېكەس ناھىيىسى 65412701 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا باردى، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەندىن كېيىن، ئويلاپ قويغان 10 يۈەنلىك «ئون ھەسسە ئامەت» لاتارىيە بېلىتىنى بىۋاستە سېتىۋالدى، بىر قېتىمدا ئون تال ئالدى، ئالدىنقى سەككىز پارچىدا جەمئىي 100 يۈەن مۇكاپات چىقتى، ھەممەيلەن ياخشى تاماق كەچ قېلىشتىن قورقمايدۇ دەيدۇ، مانا، 9-پارچە لاتارىيە بېلىتىنى قىرغاندىن كىيىن 400 مىڭ يۈەنلىك 1-دەرىجىلىك مۇكاپات ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى، شياۋلۈنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى. بۇ«تۇيۇقسىز كەلگەن ئامەت» ئۇنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەقىقەتەن گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرگەندەك ئىش بولدى.

بۇ مۇكاپاتتىن قانداق پايدىلىنىدىغانلىقىنى سورىغاندا، شياۋلۈ كۈلۈپ تۇرۇپ: « بۇ كاتتا مۇكاپاتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، كېلەر يىلى دۇكاننىڭ كۆلىمىنى بىر ھەسسە كېڭەيتىمەن»-دەپ جاۋاب بەردى.

لاتارىيەدە كاتتا مۇكاپات چىقىش، ھەر بىر لاتارىيەچىنىڭ ئارزۇسى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ھاياجانلىنىشتىن باشقا، كىشىنى تېخىمۇ سېغىندۇرىدىغىنى لاتارىيە سېتىۋېلىش جەريانىدىكى ئۇششاق ئىشلار بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئىچىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋاقىتتىكى خۇشاللىقلار، مۇكاپاتقا ئېرىشمىگەن چاغلاردىكى چۈشكۈنلۈك، كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق، كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان كىچىك ئۈمىد بار. شۇنداق، لاتارىيە سېتىۋېلىش جەريانى بەلكىم نەتىجىدىنمۇ بەكرەك سىزنى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ. كۆپچىلىك ھەرىكەتلىنىڭلار، پاراۋانلىق لاتارىيەسى چوقۇم تۇرمۇشىڭىزغا بەخت ئېلىپ كېلىدۇ!

(ئىلى ياڭخۇي)

4.png

分享到: