新闻详情

ئامەتلىك ياش يىگىت 250000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-05-28 15:27作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئامەتلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەلۋەتتە ئامەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، پەقەت تىرىشقاندىلا، ئاندىن بۇ جەرياندا ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، قەشقەر شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ جەنۇبىي يولى جيالىڭ لۈچېڭ ئولتۇراق رايونىدىكى 65318102 پارۋانلىق لاتارىيە بېكىتىدە، 20 نەچچە ياشلىق بىر خەنزۇ يىگىت ئالدىراپ ـ تېنەپ ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدىن كىرىپ كەلدى، 100 يۈەن پۇل چىقىرىپ، مال ساتقۇچىغا:«ماڭا ئازراق پارچە پۇل ئالماشتۇرۇپ بەرسىڭىز بولامدۇ؟»-دېدى، « مېنىڭ بۇ پارچە پۇلۇم 100 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ، يەنە 10 يۈەن كەملەيدۇ، بولمىسا سىز بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىڭ، تەلىيىڭىزگە چوڭ مۇكاپات چىقىپ قېلىشى مۇمكىن، قاراڭ، 2 يۈەن، 5 يۈەن، 10 يۈەن ۋە 20 يۈەنلىكلىرى بار، سىناپ باقامسىز؟» ـــ دېدى قىزغىن مال ساتقۇچى لاۋ ۋاڭ جاۋاب بېرىپ.

ـــ «ئۇنداق بولسا 10 يۈەنلىكتىن بىرنى بېرىڭ، دەل 10 يۈەن كەملەپ قاپتۇ.»- يىگىت قولىنى سوزۇپلا بىر پارچە 10 يۈەنلىك « 66 قۇر 88 پاي» لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ قىرىشقا باشلىدى... ھەي! مۇكاپات چىقتى، 250000 يۈەن چىقتى. مال ساتقۇچىنىڭ سېلىشتۇرۇشى بىلەن، يىگىتكە ھەقىقەتەن 250000 يۈەن چىققانلىقى جەزىملەشتۈرىلدى.

مانا مۇشۇنداق تۇيۇقسىز، ئويلىمىغان يەردىن 250 مىڭ يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات چىقتى! ئامەت دائىم ئويلىمىغان يەردىن تۇيۇقسىز يېتىپ كېلىدۇ، خۇددى يېنىڭىزدىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسىگە ئوخشاش، سىزنىڭ ئاق كۆڭۈللىكىڭىز سەۋەبلىك، ئامەت سىز ۋە باشقىلارنى باغلاپ تۇرىدۇ. يىگىت خۇشال ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: « ھەقىقەتەن تەلىيىم كەلدى، پارچە پۇل ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، قارىغاندا مېنىڭ ھەقىقەتەن تەلىيىم بار ئىكەن، پاراۋانلىق لاتارىيەسىگە رەھمەت، پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ ماڭا بۇنچە كۆپ مۇكاپات ئېلىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت!»-دېدى.

(قەشقەر شاۋشا)

1.png

分享到: