新闻详情

پارتىيە تارىخى ئۈگىنىش تەربىيىسى تېمىسىدىكى پائالىيەت قانات يايدۇرىلدى

发表时间:2021-05-28 17:39作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

تارباغاتاي پاراۋانلىق لاتارىيەسى پارتىيە تارىخى ئۈگىنىش تەربىيىسى تېمىسىدىكى كۆرگەزمە ۋە ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

2.png

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيە سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 5-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەر، ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ باشقۇرۇش خادىملىرى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى تەشكىلاتى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانا ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «100 يىللىق مۇساپىنى كۆرۈش، مەنىۋى كۈچنى يەتكۈزۈش» پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش-تەربىيەسى باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە ۋە ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

3.png

4.png

پائالىيەتتە، بارلىق خادىملار پارتىيە 1 ـ قۇرۇلتىيىدىن 19 ـ قۇرۇلتىيىغىچە بولغان مۇساپىنى بويلاپ، پارتىيە قۇرۇش تارىخىنى ئەسلەپ، قىزىل كېمە روھىنى قايتا ئەسلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى بايان قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق شانلىق مۇساپىسىگە بولغان ھېسسىي تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى چىڭىتتى.

5.png

بارلىق خادىملار ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەسىراتلىرىدىن بەھرىلەندى، «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى چۈشىنىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش» باش تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە تارىخىغا ئائىت ماقالىلەر، قىزىل ئارمىيە ھېكايىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلاردىن بەھرىلەندى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش داۋامىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان شانلىق مۇساپىنى ئەستايىدىل ئىگىلىدى، كىتاب ئوقۇپ ھەمبەھرىلىنىش كەيپىياتى قىزغىن بولدى.

دۆربىلجىن ناھىيەلىك پاراۋانلىق لاتارىيە باشقۇرغۇچىسى سۇڭ چياڭ مۇزاكىرىدە ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «پاراۋانلىق لاتارىيەسى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن بۇيان، پاراۋانلىق لاتارىيەسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا شاھىت بولدۇم ۋە قاتناشتىم، بۈگۈن باش تېمىلىق كۆرگەزمە ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ مۇشۇنداق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىگەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەندىم، شۇنداقلا پاراۋانلىق لاتارىيە ئىشلىرىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى شەرەپلىك ئىش ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيە چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولالىغانلىقىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندىم. چۆچەك شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيە باشقۇرغۇچىسى يۈ چياڭ مۇنداق دېدى: « پاراۋانلىق لاتارىيەسى كەسپى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۇرسىتى ۋە خىرىسىغا دۇچ كەلمەكتە، ئاساسىي قاتلامدىكى كەسىپكارلاردىن بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىشەنچىم ھەسسىلەپ ئاشتى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئىشلىرى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ خاسلىقى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ تەرەققىياتى چوقۇم تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەت، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامغا قەدەم قويىدۇ.»-دېدى.

بۇ قېتىمقى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ـ تەربىيە باش تېما كۆرگەزمىسى ھەم ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى ئارقىلىق، تارباغاتاي پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى بارلىق خادىملار بەس ـ بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى، غايە ـ ئېتىقادىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، سىياسىي نەزەرىيە ئۆگىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، «ياشانغانلارنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، يېتىملەرنى قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش» ئاساسىي مەقسىتىدە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى كەسپىگە بەرگەن يوليورۇقىنىڭ روھىنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ سىياسىي ئورگان ئىكەنلىكىنى، پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ پارتىيە ئىشلىرى» ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئەڭ زور كۈچ چىقىرىمىز.

(تارباغاتاي پاراۋانلىق لاتارىيەسى تەشۋىقاتى)

分享到: