新闻详情

كۈيتۈن شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى مىليون يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-05-28 18:53作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

يىللار تىنچ، بۇ ھايات تىنچ. بۇ ھازىر كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئىنتىلىدىغان گۈزەل تۇرمۇش. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مۇنداق دەپ قارايدۇ، ھېچكىم كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق تۈپەيلىدىن تىنچ تۇرمۇشنى قالايمىقانلاشتۇرمايدۇ، لېكىن ئەمەلىيەت بۇنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى. يېقىندا، «خەن شىزەينىڭ كېچىلىك زىياپەت خەرىتىسى» قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلەت تۈرى كۈيتۈن شەھىرىدىكى ۋاڭ ئەپەندىگە 1-دەرىجىلىك مۇكاپات ئېلىپ كەلدى، مۇكاپات سوممىسى 1 مىليون يۈەن بولدى. ۋاڭ ئەپەندى تەمكىنلىك بىلەن:«بۇ كاتتا مۇكاپات بىلەن مەن تەقدىرداش ئىكەنمەن»-دېدى. ۋە ئاسماندىن چۈشكەن كاتتا مۇكاپاتقا قارىتا تەمكىنلىك بىلەن قوبۇل قىلىش ئېلىپ بېرىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ۋاڭ ئەپەندى كىچىك سودىگەر بۇلۇپ، شۇنداقلا « قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىنىڭ سادىق مەستانىسى ئىكەن، بىراق، كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش روھىي ھالىتى ئىنتايىن تىنچ بولۇپ، ئەزەلدىن ھەر كۈنى دېگۈدەك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى قوغلاشمىغان، تېخىمۇ كۆپ بولغىنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشتىكى خۇشاللىق جەريانىنى قەلبلەرگە سىڭدۈرگەن.

5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش كۈيتۈن شەھىرىدىكى 65454013 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، ئالدى بىلەن خالىغانچە 10 يۈەنلىك كومپيۇتېر بېلىتى سېتىۋېلىپ يانچۇقىغا سېلىپ قويدى. ئارقىدىن نەزىرىنى يەنىلا ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان لاتارىيە بېلىتىگە يۆتكىدى. «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى كۆرگەزمە ئىشكابىغا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى، قىممىتى 30 يۈەنلىك «خەن شىزەينىڭ كەچلىك زىياپەت خەرىتىسى» لاتارىيە بېلەت تۈرىىنى ئادەتتە ئۆزى ناھايىتى ئاز سېتىۋالاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خالىغانچە بىر تال ئېلىپ ئاستا-ئاستا قىرىشقا باشلىدى، بۇ خىل لاتارىيە بېلىتى ئويناش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددىي، لاتارىيە بېلىتىنى قىرغاندىن كىيىن مۇكاپات سوممىسى كۆرگىلى بۇلىدۇ. ۋاڭ ئەپەندى لاتارىيە بېلىتىنى قىرغاندىن كېيىن، بىر مىليون دېگەن سانلار كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى، قاراپ تۇرغان لاتارىيەچىلەر ھاياجىنىنى باسالماي قالدى، ئەمما ئۇ تەمكىن ھالدا لاتارىيە بېلىتى يانچۇقىغا سېلىۋېتىپ:«قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كۆپچىلىكنى تاماققا تەكلىپ قىلاي.»-دېدى.

كاتتا مۇكاپات ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندى كۈلۈپ قىلىپ: « ئادەتتە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كونا تونۇشلارغا ئۇچراپ قالساق، كونا تونۇشلار ھەمىشە مازاق قىلىپ "يەنە لاتارىيە سېتىۋالغىلى باردۇقما، مۇكاپات چىقىمىدى ھەقىچان"دەيدۇ. مەن كۈلۈپلا قويىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن كونا تونۇشلار ئاخىرى مېنى "مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيدۇڭ" دەپ قارىمايدىغان بولدى، ھا، ھا! مۇكاپات پۇلىغا كەلسەك، ئۆيدىكىلەر مەسلىھەتلىشىپ بولدى، بىر قىسمىنى ئۆي قەرزىنى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىمىز، يەنە بىر قىسمى بىلەن ئوغلىمۇ مۇستەقىل ھالدا كىچىك تىجارەت قىلىدىغان بولدى!»-دېدى.

(ئىلى ياڭخۇي)

6.png

分享到: