新闻详情

ياۋروپا لوڭقىسى يەنىلا «2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى» دەپ ئاتىلىدۇ

发表时间:2021-05-31 20:21作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى

ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورى: گەرچە بۇ يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى 12 ئاي كېچىكتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن كېلەر يىلى يازدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا لوڭقىسى يەنىلا «2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

3-ئاينىڭ 20-كۈنى، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ ياۋروپا لوڭقىسىنى كېچىكتۈرۈش قارارى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى چۈشەندۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇسابىقىنىڭ ئىسمى ئۈستىدىمۇ توختالغان، شۇنداقلا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان بارلىق مەيدانلارنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇمۇ بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ پۈتۈن ياۋروپا قاتنىشىدىغان مۇسابىقە تۈرىگە ئايلىنىش، شۇ ئارقىلىق ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەقسىتىنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلغان. شۇڭا، كېلەر يىلى يازدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا لوڭقىسى يەنىلا «2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى» دەپ ئاتىلىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ھازىرقى نىشانى ياۋروپا مۇسابىقىلىرى ۋە باشقا كۇلۇب مۇسابىقىلىرىنىڭ 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن قالغان مۇسابىقىلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى بولۇپ، ئەگەر ھازىرقى ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولسا، ئۇنداقتا ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بۇ ئارزۇسى تېزلا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. لېكىن، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقى مەڭگۈ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئالاقىدار خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ھەرخىل ئەھۋاللارنى باھالاۋاتقان بولۇپ، مۇلاھىزىنىڭ نەتىجىسى ۋە كەلگۈسىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن ئاخىرقى قارار چىقىرىلىشى مۇمكىن.

分享到: