新闻详情

ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى 2021-يىلى يازغا كېچىكتۈرۈلدى

发表时间:2021-04-25 13:01作者:ئەلكۈيى تورى来源:يەر شارى تورى

شۇ يەر ۋاقتى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى 2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى 2021-يىلى ياز پەسلىگە كېچىكتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئومۇميۈزلۈك ئىچكى تەكشۈرۈش ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى يەنىلا «2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى» دەپ ئاتاشنى قارار قىلدى. بۇ نام بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ، ياۋروپا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش (1960-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە)تەك دەسلەپكى مەقسىتىنى نامايان قىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىمۇ 2021-يىلىغا كېچىكتۈرۈلگەن، لېكىن ئوخشاشلا «توكيو 2020-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» دېگەن نامنى ساقلاپ قالغان.


分享到: