新闻详情

سىزنىڭچە گېرمانىيەلىك قايسى قاپقىچى ياۋروپا لوڭقىسىدا ئاساسلىق قاپقىچى بولىدۇ؟

发表时间:2021-05-16 13:05作者:ئەلكۈيى تورى来源:توۋتياۋ تورى

داڭلىق پۇتبول چولپانلىرى كۆپ چىقىدىغان گېرمانىيەدە ئەزەلدىن داڭلىق قاپقىچىلارمۇ ئاز ئەمەس، ھازىرمۇ گېرمانىيە كوماندىسىدا ئاساسلىق قاپقىچى بولغۇدەك ئىقتىدارى بار بەش قاپقىچى بار، ئۇنداقتا سىزنىڭچە قايسى قاپقىچى ياۋروپا لوڭقىسىدا ئاساسلىق قاپقىچى بولسا ئەڭ مۇۋاپىق؟

1. نويېر (بايرېن مىيۇنخېن): بۇ پەسىل 37 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 61 قېتىم توپ توسىۋالغان.

شۇنىسى ئېنىقكى، ساغلاپ نويېر يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قاپقىچى. گەرچە نويېر يەنىلا ئاساسلىق ئەزا بولىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ پەسىل ئازراق سەۋەنلىك سادىر قىلىۋاتىدۇ، نويېر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەرمەيداندا 6.71 نومۇرغا ئېرىشكەن، يەنىلا گېرمانىيەلىك قاپقىچىلارنىڭ تەرتىپىدە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇنغا كىرەلەيدۇ.

2. تېرستېگېن (بارسېلونا): بۇ پەسىل 34 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئىككى ياردەمچى پاس بەرگەن، بىرلەشمىدە 56 قېتىم توپ توسىۋالغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قېتىم نۇقتا توپ توسىۋالغان.

نويېر بىلەن تېرستېگېننىڭ قايسىسىنى كېلەر يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا ئاساسلىق قاپقىچى قىلىش، باش ترېنېر لوۋنىڭ بېشىنى ئەڭ قاتۇرىدىغان مەسىلە. كۇلۇبتىكى نەتىجىسىگە قارىساق، تېرستېگېننىڭ ئىپادىسى نويېرنىڭكىدىن قىلىشمايدۇ، ئۇ ئۆتكەن يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە تېرستېگېن بىر قېتىم ئاساسلىق قاپقىچى بولغان، شۇڭا ياۋروپا لوڭقىسىدا زاپاس قاپقىچى بولۇشقا قوشۇلماسلىقى مۇمكىن.

3. لېنو (ئارسېنال): بۇ پەسىل 30 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 98 قېتىم توپ توسىۋالغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قېتىم نۇقتا توپ توسىۋالغان.

لېنو 98 قېتىم توپ توسىۋېلىشتەك نەتىجىسى بىلەن ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇنداقلا بۇ پەسىل ئەڭ كۆپ توپ توسىۋالغان گېرمانىيەلىك قاپقىچى ھېسابلىنىدۇ. لېنو بۇ پەسىل ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەرمەيداندا 6.88 نومۇرغا ئېرىشكەن، بۇ جەھەتتە گېرمانىيەلىك قاپقىچىلار تەرتىپىدە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئىپادىسى تۇراقلىق بولمىغاچقا، تېرستېگېن بىلەن نويېردىن ئاساسلىق ئورۇننى تالىشالماسلىقى مۇمكىن.

4. تراپ (فرانكفورت): بۇ پەسىل 16 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 41 قېتىم توپ توسىۋالغان.

تراپ ئالدىنقى پەسىل 116 قېتىم توپ توسۇۋېلىپ، گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە 3-ئورۇندا تۇرغان، بۇ پەسىل مۈرىسى يارىلانغاچقا ئاران 16 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا 41 قېتىم توپ توسىۋالغان، توپ توسۇش نىسبىتى ھەقىقەتەن يۇقىرى، شۇڭا تراپ بىلەن لېنونىڭ بىرسى ياۋروپا لوڭقىسىدا گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ئۈچىنچى قاپقىچىسى بولۇشى مۇمكىن.

5. زېنتنېر (ماينېز): بۇ پەسىل 22 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 79 قېتىم توپ توسۇۋالغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قېتىم نۇقتا توپ توسىۋالغان.

گەرچە ئۇنىڭ ياۋروپا لوڭقىسىدا دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىش پۇرسىتى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇزۇنغا قالماي چوقۇم دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلىدۇ. 25 ياشلىق بۇ قاپقىچىنىڭ بۇ پەسىلدىكى ئىپادىسى قالتىس بولغان، شۇنداقلا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەرمەيداندا 6.71 نومۇرغا ئېرىشىپ، نويېردىن ئېشىپ كەتكەن.


分享到: