新闻详情

ياۋروپا لوڭقىسى پىلان بويىچە 12 شەھەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ

发表时间:2021-01-28 13:52作者:ئەلكۈيى تورى来源:دوڭچيۇدى تورى

ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۈگۈن ئورگان تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا لوڭقىسىنى پىلان بويىچە 12 شەھەردە ئېلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۈگۈن دائىملىق يىغىندا 12 ئۇيۇشتۇرغۇچى جەمئىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ياۋروپا لوڭقىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلدى، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى پىلان بويىچە داۋاملىق 12 شەھەردە مۇسابىقىنى قانات يايدۇرۇش پىلانىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى چېفېلىن مۇنداق دېدى: «ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئەسلىدىكى پىلان بويىچە 12 شەھەردە ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى داۋاملىق ئۆتكۈزىدۇ. ياۋروپا لوڭقىسى ياۋروپا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ بايراقدار مۇسابىقىسى، ئاۋام پۇتبول تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم مەبلەغ مەنبەسى».

«مەن ئۈمىدۋار ھالدا شۇنداق قارايمەنكى، ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىز 6-ئاي ياكى 7-ئايلاردا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋاللارغا تېخىمۇ مۇكەممەل تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك، توپ مەستانىلىرى پۇتبولنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، بۇ نۇقتا ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە شۇنداق، بىز چوقۇم يېتەرلىك بوشلۇق قالدۇرۇپ، ئۇلارنى تەنتەربىيە مەيدانىغا قايتۇرۇپ كېلىشىمىز كېرەك».

توپ مەستانىلىرىنى مەيدانغا كىرگۈزۈش-كىرگۈزمەسلىك توغرىسىدىكى قارار 4-ئاينىڭ بېشىغىچە ئۇزارتىلىپ ئاندىن قارار چىقىرىلىدۇ.


分享到: