新闻详情

2021-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا قايسى كوماندا چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلەيدۇ؟

发表时间:2021-02-05 13:54作者:ئەلكۈيى تورى来源:توۋتياۋ تورى

2021-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 24 كوماندىنىڭ تىزىملىكى چىقتى، ھەر قايسى كوماندىلارنىڭ ئومۇمىي باھا تىزىملىكىمۇ ئېلان قىلىندى.

2021-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپا ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

A گۇرۇپپا: ئىتالىيە، ۋېلش، شىۋېتسارىيە

B گۇرۇپپا: دانىيە، فىنلاندىيە، بېلگىيە، رۇسىيە

C گۇرۇپپا: گوللاندىيە، ئۇكرائىنا، ئاۋىستىرىيە، شىمالىي ماكېدونىيە

D گۇرۇپپا: ئېنگلاند، كرودىيە، شوتلاندىيە، چېخ

E گۇرۇپپا: ئىسپانىيە، شىۋېتسىيە، پولشا، سىلوۋاكىيە

F گۇرۇپپا: ۋېنگىرىيە، پورتۇگالىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە

پورتۇگالىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىقلار بۆلۈنگەن F گۇرۇپپا ھالاكەت گۇرۇپپىسى بولۇپ، ۋېنگىرىيە ئەڭ ئاخىرىدا بۇ گۇرۇپپىغا كىرگەن.

ئېنگىلاند دۆلەت كوماندىسى ئومۇمىي باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغان كوماندا بولۇپ، 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونى بولغان فىرانسىيە كوماندىسى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

1. ئېنگلاند دۆلەت كوماندىسى (بىر مىليارد 400 مىليون ياۋرو)؛

2. فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسى (بىر مىليارد ياۋرو)؛

3. ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى (842 مىليون 500 مىڭ ياۋرو)؛

4. ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى (824 مىليون ياۋرو)؛

5. پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى (762 مىليون 250 مىڭ ياۋرو)؛

6. گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى (742 مىليون 500 مىڭ ياۋرو)؛

7. بېلگىيە دۆلەت كوماندىسى (693 مىليون 300 مىڭ ياۋرو)؛

8. گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسى (551 مىليون ياۋرو)؛

9. كرودىيە دۆلەت كوماندىسى (353 مىليون ياۋرو)؛

10. دانىيە دۆلەت كوماندىسى (289 مىليون ياۋرو)؛

11. پولشا دۆلەت كوماندىسى (280 مىليون ياۋرو)؛

12. ئاۋستىرىيە دۆلەت كوماندىسى (257 مىليون 700 مىڭ ياۋرو)؛

13. شۋېتسارىيە دۆلەت كوماندىسى (224 مىليون ياۋرو)؛

14. شوتلاندىيە دۆلەت كوماندىسى (210 مىليون ياۋرو)؛

15. شۋېتسىيە دۆلەت كوماندىسى (182 مىليون ياۋرو)؛

16. رۇسىيە دۆلەت كوماندىسى (157 مىليون 400 مىڭ ياۋرو)؛

17. ۋېلش دۆلەت كوماندىسى (145 مىليون 600 مىڭ ياۋرو)؛

18. ئۇكرائىنا دۆلەت كوماندىسى (139 مىليون ياۋرو)؛

19.چېخ دۆلەت كوماندىسى (122 مىليون ياۋرو)؛

20. سىلوۋاكىيە دۆلەت كوماندىسى (117 مىليون ياۋرو)؛

21. ۋېنگىرىيە دۆلەت كوماندىسى (69 مىليون 300 مىڭ ياۋرو)؛

22. شىمالىي ماكېدونىيە دۆلەت كوماندىسى (63 مىليون 200 مىڭ ياۋرو)؛

23. فىنلاندىيە دۆلەت كوماندىسى (34 مىليون 600 مىڭ ياۋرو)؛

ئېنگلاند دۆلەت كوماندىسى بىلەن فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى توپچىلارنىڭ باھاسى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ.

ئېنگلاند دۆلەت كوماندىسىدا تۆت نەپەر باھاسى 100 مىليوندىن ئاشىدىغان توپچى بار:

سىتېرلىڭ: 128 مىليون ياۋرو

خاررى كېن: 120 مىليون ياۋرو

سانچو: 117 مىليون ياۋرو

ئارنولد: 110 مىليون ياۋرو

راشفورد: 80 مىليون ياۋرو

فودېن: 60 مىليون ياۋرو

ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى بىر مىليارد 40 مىليون ياۋرو.

فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىدا پەقەت مباپپېنىڭ باھاسىلا 100 مىليون ياۋرودىن ئاشىدۇ.

مباپپې: 180 مىليون ياۋرو

پوگبا: 80 مىليون ياۋرو

ۋارانې: 70 مىليون ياۋرو

كانت: 70 مىليون ياۋرو

مارشال: 60 مىليون ياۋرو

ئۇنىڭدىن باشقا ياۋروپا لوڭقىسىنى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان كوماندىلارنىڭ تىزىملىكىمۇ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئېنگلاند بىلەن بېلگىيە بىرىنچى ئورۇندا، فىرانسىيە ئۈچىنچى ئورۇندا، ئارقىسىغا گېرمانىيە، ئىسپانىيە، گوللاندىيە، پورتۇگالىيە، ئىتالىيە قاتارلىق كوماندىلار تىزىلغان.

سىزنىڭچە 2021-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا قايسى كوماندا چېمپىيونلۇققا ئېرىشىدۇ؟


分享到: