新闻详情

ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشالمايدىغان چولپانلاردىن تۈزۈلگەن مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى: خالاند باشچىلىقىدا

发表时间:2021-03-04 13:59作者:ئەلكۈيى تورى来源:توۋتياۋ تورى

بۇ يىل يازدا ئۆتكۈزىلىدىغان ياۋروپا لوڭقىسى باشلىنىشقا 100 كۈن قالدى، ئىتالىيە تاراتقۇسى «بوشلۇق تەنتەربىيە گېزىتى» ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشالمايدىغان چولپانلاردىن تۈزۈلگەن مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنى ئېلان قىلدى، خالاند ۋە ئوبلاك قاتارلىق ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشالمايدىغان 11 توپچىنىڭ باھاسى 500 مىليون ياۋرودىن ئاشىدۇ، تۆۋەندە بىز بۇ سەپ شەكلىنى كۆرۈپ باقايلى.

ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشالمايدىغان چولپانلاردىن تۈزۈلگەن مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى:

قاپقىچى: ئوبلاك (سىلوۋىنىيە/مادرىد ئاتلېتكا) 90 مىليون ياۋرو

بېك: مىلۇنكوۋىچ (سېربىيە/فىئورېنتىنا) 28 مىليون ياۋرو، مانولاس (گرېتسىيە/ناپولى) 32 مىليون ياۋرو، كۇمبۇلا (ئالبانىيە/رىم) 27 مىليون ياۋرو

ئوتتۇرا مەيدان: ئودېگارد (نورۋېگىيە/ئارسېنال) 40 مىليون ياۋرو، پيانىچ (بوسىنىيە/بارسېلونا) 40 مىليون ياۋرو، مىلىنكۋوىچ (سېربىيە/لازىئو) 70 مىليون ياۋرو، كوستىچ (سېربىيە/فرانكفۇرت) 32 مىليون ياۋرو، تادىچ (سېربىيە/ئاجاكس) 20 مىليون ياۋرو

ھۇجۇم: خالاند (نورۋېگىيە/دورتمۇند) 110 مىليون ياۋرو، مىتروۋىچ (سېربىيە/فۇلھام) 22 مىليون ياۋرو


分享到: