新闻详情

قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى مۇسابىقىسىدە 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر ئېلان قىلىندى

发表时间:2021-05-31 16:59作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش  مەركىزى

شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى مۇسابىقىسىدە 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر ئېلان قىلىندى


«"ئۇچقۇن"نىڭ مەنىسى چوڭقۇر، باش تېمىسى روشەن، ياساش ھۈنەر ـ سەنئىتى مۇرەككەپ بولۇپ، 3600 پارچە لاتارىيە بېلىتى تاللاپ ئىشلىتىلگەن، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا قىزىل بەش يۇلتۇز بار، يەنە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قىياپىتى بار بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا سىمۋول قىلىنغان. " 100 يىللىق جۇڭگو" نىڭ ياسىلىشى نەپىس، ئىجادىيىتى يېڭىچە بولۇپ، نۆۋەتتىكى قىزىق نۇقتىغا ماس كېلىدۇ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىگە بولغان تولۇق ئىشەنچى نامايان قىلىنغان... » دېدى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان باھالىغۇچىلار.

5 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى قول ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇملىرى مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى، 45 پارچە پاراۋانلىق لاتارىيەسى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى تاشلاندۇق لاتارىيە بېلەتلىرىدىن ياسالغان نەپىس ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇمى باھالىغۇچىلارنى چوڭقۇر جەلپ قىلدى، ئەڭ ئاخىرىدا «ئۇچقۇن» ، « 100 يىللىق جۇڭگو» ۋە «پاراۋانلىق لاتارىيەسى، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا سوۋغات» قاتارلىق ئالتە ئەسەر 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

1.png

ئەسەر نامى: « ئۇچقۇن»

ئەسەر ئىجادىيىتى:13 خىل لاتارىيە بېلىتى بىلەن ياسالغان، پۈتكۈل ئەسەرنىڭ ئىچكى قىسمىغا قىزىل بەش يۇلتۇز نەقىشلەنگەن، يەنە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ قىياپىتى نامايەن قىلىنغان بولۇپ، ئىنقىلابىي خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا سىمۋول قىلىنغان. شۇنداقلا مىليونلىغان پارتىيە ئەزالىرىمىزنىڭ ئەينى چاغدىكى ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىگەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان.

ئەسەر ئىشلەش ۋاقتى:20 كۈن

لاتارىيە بېلىتى ئىشلىتىش سانى:3600 پارچە

2.png

ئەسەر نامى: « 100 يىللىق جۇڭگو»

ئەسەر ئىجادىيىتى: تۆت خىل «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى كېرەكسىز لاتارىيە بېلىتىنى ئىشلىتىپ ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، رەڭلەر ئۇستىلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى « 100 يىل» نىڭ بەلگىسى سانسىزلىغان پاراۋانلىق لاتارىيەسى LOG نى جىپسىلاشتۇرۇپ ياسالغان. رەسىم رامكىسىدىكى 100 يىللىق شانلىق تاللاش، يەنى« 100 يىللىق شانلىق» بېلەت تۈرى، رەسىمدىكى قىزچاق بەخت خېتى يېزىلغان قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيىپ، شىنجاڭنىڭ پاختىسىنى كۆتۈرمەكتە. بۇ يىل شىنجاڭنىڭ پاختىسى مىليونلىغان كىشىنىڭ ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى قوزغاتتى، تۈمەنلىگەن كىشى شىنجاڭنىڭ پاختىسىغا ئامراق بولدى. ئېنىق مەيداننىڭ كەينىدە، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىشنىڭ كۈچى، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان قىممەت يۈزلىنىشى بار، چىن قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئىپتىخارلىنىمىز، ۋەتەننىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز، چىن قەلبىمىزدىن ۋەتەننىڭ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن پەخىرلىنىمىز ۋە ئىپتىخارلىنىمىز.

ئەسەر ئىشلەش ۋاقتى:28 كۈن

لاتارىيە بېلىتى ئىشلىتىش سانى:800 دانە ئەتراپىدا

3.png

ئەسەرنىڭ نامى: « پاراۋانلىق لاتارىيەسى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا سوۋغا قىلىندى»

ئەسەر ئىجادىيىتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئوغۇل-قىزلىرى« كۆپچىلىك پاراۋانلىقى، خەير-ساخاۋەت، ساغلاملىق، خۇشاللىق، يېڭىلىق يارىتىش» تىن ئىبارەت پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇردى. لاتارىيە بېلىتى لاتارىيەچىلەر بىلەن جەمئىيەتتىكى قېيىنچىلىقى بار ئامما ئارىسىدا مېھرى-مۇھەببەت كۆۋرۈكى ھاسىل قىلىپ، ئەسەردە پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ۋە گۈزەل تىلەكلەر ئىپادىلەنگەن.

ئەسەر ئىشلەش ۋاقتى:22 كۈن

لاتارىيە بېلىتى ئىشلىتىش سانى:1300 پارچە

4.png

ئەسەر نامى: « 100 يىللىق شانلىق نەتىجە»

ئەسەر ئىجادىيىتى: باشلامچى شەكىللىك يەلكەنلىك كېمە، جۇڭگودىن ئىبارەت شەرقتىكى بۇ غايەت زور ئەجدىھانىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە دولقۇن يېرىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، گۈزەل ئەتىگە قاراپ ماڭغانلىقىنى نامايان قىلغان.

ئەسەر ۋاقتى:10 كۈن

لاتارىيە بېلىتى ئىشلىتىش سانى:2600 پارچە

5.png

ئەسەرنىڭ نامى: « كومپارتىيەگە ئەگىشىپ. جۇڭگو ئارزۇسىغا ئاتلىنىش»

ئەسەر ئىجادىيىتى: ئۈچ خىلنى لاتارىيە بېلىتىدىكى،ئۈچ خىل رەڭنى تاللاپ، كىچىك يۇمىلاق شەكىلدە ئېتىپ، بىر پارچە نەپىس رەسىمنى قۇراشتۇرۇپ چىقىلغان. قىزىل بايراق ئاسماندا جەۋلان قىلماقتا، ۋەتەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرمەكتە! كومپارتىيەگە ئەگىشىپ جۇڭگو ئارزوسىغا ئاتلىنىپ، بىزنىڭ پارتىيەگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلىگەن.

ئەسەر ئىشلەش ۋاقتى:7

لاتارىيە بېلىتى ئىشلىتىش سانى:5000 پارچە

6.png

ئەسەر نامى: « توزنىڭ قانىتىنى ئېچىشى»

ئەسەر ئىجادىيىتى: بۇ قانىتىنى ئېچىۋاتقان توز بىزنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە تۇرمۇشىمىزنىڭ بارغانسېرى گۈزەل بولۇۋاتقانلىقىنىڭ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ سىمۋولى.

ياساش ۋاقتى:14 كۈن

لاتارىيە بېلىتى ئىشلىتىش سانى:3000 پارچە


(شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى تەشۋىقاتى)

分享到: