新闻详情

لۆۋ بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسىدىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدۇ

发表时间:2021-03-09 16:03作者:ئەلكۈيى تورى来源:دوڭچيۇدى تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن گېرمانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئورگان تورىدا لۆۋنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

گېرمانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئورگان تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لۆۋ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياۋروپا لوڭقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دۆلەت كوماندىسىدىن ئايرىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسى بىلەن تۈزگەن توختامى ئەسلىدە 2022-يىلى ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، گېرمانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لۆۋنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىن ئايرىلىش قارارىغا قوشۇلغان.

بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن لۆۋ 2004-يىلى گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ياردەمچى ترېنېرى بولغان، 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن رەسمىي ھالدا دۆلەت كوماندىسىنىڭ ترېنېرلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.

لۆۋ كوماندىنى يېتەكلەپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 2008-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى، 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى، 2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى، 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى، 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى ۋە 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان.

بۇنىڭ ئارىسىدا، لۆۋ بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا كوماندىنى يېتەكلەپ ھەل قىلغۇچقا كىرگەن ھەمدە ئارگېنتىنانى مەغلۇپ قىلىپ گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى تارىخىدىكى 4-قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.

بىراق 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا لۆۋ يېتەكچىلىكىدىكى گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىلا شاللىنىپ كەتكەن ھەمدە لۆۋ توماس مۇللېر، خۇممېلىس قاتارلىق ئىزچىل ھالدا تۇراقلىق ئىپادىسىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان توپچىلارنى دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتماسلىقى سەۋەبلىك زور تالاش-تارتىش قوزغىغان.

لۆۋ ئۆزىنىڭ قارارى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ: «مەن چەكسىز پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئەستايىدىل ئويلىشىپ بۇ قارارنى چىقاردىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مېنىڭ پات ئارىدا ئوينىلىدىغان ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە بولغان تەييارلىقىم پۈتۈپ بولدى» دېگەن.


分享到: