新闻详情

گېرمانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ياۋروپا لوڭقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن

发表时间:2021-03-10 16:05作者:ئەلكۈيى تورى来源:دوڭچيۇدى تورى

گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گېرمانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ يېڭى ترېنېرنى بېكىتمەكچى ئىكەن.

بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن گېرمانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئورگان تورىدا لۆۋنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دۆلەت كوماندىسى ترېنېرلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھازىر گېرمانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئاللىقاچان گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ يېڭى ترېنېرىنى تاللاش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى، خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بايرېن ميۇنخېن ترېنېرى فلىك بىلەن لىۋېرپول ترېنېرى كلوپنىڭ گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىغا ترېنېر بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن.

گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گېرمانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ يېڭى ترېنېرنى بېكىتمەكچى بولغان. ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئوتتۇرى باشلىنىدۇ.


分享到: