新闻详情

خۇممېلىس بىلەن مۇللېرنىڭ ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىشىدىن ئۈمىد بار

发表时间:2021-03-11 16:07作者:ئەلكۈيى تورى来源:بەيدۇ تورى

گېرمانىيە تەنتەربىيە تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، توماس مۇللېر بىلەن خۇممېلىسنىڭ بۇ يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىشىدىن ئۈمىد باركەن، ئۇنىڭدىن باشقا بىر مەھەل دۆلەت كوماندىسىنىڭ چوڭ تىزىملىكىدىن چۈشۈپ قالغان بوئاتېڭمۇ مۇللېر ۋە خۇممېلىس قاتارلىقلار بىلەن قوشۇلۇپ دۆلەت كوماندىسىغا قايتىشى مۇمكىن ئىكەن.

گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ترېنېرى لۆۋ 2019-يىلىنىڭ بېشىدا بۇ ئۈچ نەپەر توپچىنى چوڭ تىزىملىككە كىرگۈزۈشتىن ۋاز كەچكەن، لۆۋ ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى «ياشلاشتۇرۇش»قا ۋە مۇسابىقە تاكتىكىسىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىشكە موھتاج دەپ قارىغان بولۇپ، شۇ سەۋەبلىك بۇ ئۈچ نەپەر يادرولۇق توپچىسىنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچكەن. بىراق ئۆز كۇلۇبلىرىدا توپ تېپەلمىگەن نۇرغۇنلىغان توپچىلارنى چاقىرتىش ئارقىلىق «ياشلاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرغان گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىلەردىكى ئىپادىسى كىشىنى ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندۈرگەن.

نۆۋەتتە لۆۋنىڭ ياۋروپا لوڭقىسىدىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، كۆپلىگەن تاراتقۇلار ھازىرغا قەدەر تۇراقلىق ئىپادىسىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بۇ ئۈچ نەپەر توپچىنىڭ 5-ئايدا ئوينىلىدىغان ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ چوڭ تىزىملىكىگە كىرىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭدىىن باشقا، لۆۋمۇ ئىلگىرى ئۇلارنى قايتىدىن چوڭ تىزىملىككە كىرگۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


分享到: