新闻详情

بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسىدا چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش نىسبىتى يۇقىرى ئۈچ كوماندا

发表时间:2021-03-29 17:08作者:ئەلكۈيى تورى来源:توۋتياۋ تورى

ياۋروپا لوڭقىسى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىسى، شۇنداقلا ئۇ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان پۇتبول پائالىيىتى، ئۇنىڭ دۇنيا پۇتبولچىلىقىدىكى ئورنى ئىنتايىن يۇقىرى، شۇنداقلا ياۋروپا كۈچلىرىنىڭ توپلىنىشىداپەيدا بولغان تەسىرىمۇ كۈچلۈك، ياۋروپادىكى بۇ ئەنئەنىۋى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق نىشانى چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش، بۈگۈن بىز بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسىدا چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش نىسبىتى يۇقىرى ئۈچ كوماندىنى كۆرۈپ باقايلى.

پورتۇگالىيە كوماندىسى: بىرىنچىسى، ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون پورتۇگالىيە كوماندىسى 2021-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون ۋە ياۋروپا دۆلەتلەر بىرلەشمىسى چېمپىيونى سۈپىتىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، ئۇلار يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان كوماندا. رۇبېن دىئازنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوتتۇرا بېكقا ئايلىنىش يوشۇرۇن كۈچى بار، كوماندىنىڭ مۇداپىئە يادروسى كۈچلۈك، مۇسابىقىدە مول تەجرىبىسى بار پېپې بىلەن ھەمكارلىشىپ بۆسۈش ھاسىل قىلالايدۇ، كرىستىيانو رونالدو كوماندىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى ۋە كوماندا روھى سالاھىتىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، گودېس بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە پۇرسەت ئىزدەشكە مەسئۇل، مانچېستېر شەھىرىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى بېرناردو سىلۋا ئوڭ تەرەپتە ئوتتۇرا مەيدان قوماندانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋە رونالدوغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى كارۋالو نېۋېس ۋە موتىنھونىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى مۇداپىئەسىگە ياردەم بېرىدۇ، ھازىر پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم گۇرۇپپىسى قالتىس بولۇپلا قالماي، يەنە ئىش تەقسىماتىمۇ ئېنىق، شۇڭا پورتۇگالىيە كوماندىسى ياۋروپا لوڭقىسىدا چېمپىيونلۇققا ئېرىشىتىكى يارقىن نۇقتا.

فىرانسىيە كوماندىسى: ئۇلار 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا قالتىس ئىپادىسى بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، گەرچە كوماندىدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد توپچىلار تېخى تولۇق ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ يادرولۇق كۈچى يەنىلا ساقلىنىپ قالغان. لۇكاس بىلەن پاۋارد كۇلۇبتا تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىش ھاسىل قىلدى، ئۇمتىتىنىڭ ياۋروپا لوڭقىسىدىكى كەلگۈسى سەل قاراڭغۇ، ئۇنىڭ بارسېلونا كوماندىسىدىكى سەپدىشى لېڭلىت ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىۋاتىدۇ، ئۇ يەنە لاپورتې بىلەن ئۇپامېكانونىڭ كۈچلۈك رىقابەت دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مباپپې ھۇجۇم سېپىدە تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى، مارشال، گىرۇد ۋە كومانمۇ تالانتلىق ھۇجۇمچىلار، ۋارانې ۋە ئۇمىتىتىمۇ بارسېلونا بىلەن خانلىق مادرىد مۇداپىئە سېپىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولىۋاتىدۇ، پاۋارد ۋە كىمپىپېمۇ ناھايىتى ئىقتىدارلىق. ئومۇمىي سەپ شەكلى جەھەتتە، فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ سېپى يەنىلا بىر قەدەر قالتىس.

ئېنگلاند كوماندىسى: ئېنگلاند كوماندىسىمۇ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى قىزىق نۇقتىلىق كوماندا، ۋاردى ۋە خاررى كېن قاتارلىق داڭلىق مەرگەنلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، راشفورد ۋە سانچو قاتارلىق ياش تالانت ئىگىلىرى بارلىققا كەلدى. لىۋېرپول ياۋروپا مۇسابىقىلىرىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ ئالتۇن دەۋرگە قەدەم قويغاچقا، ھازىرقى ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ ياش تالانت ئىگىلىرىنى كۆپ دېيىشكە بولىدۇ، ئۇلار بارا-بارا ماسلىشىپ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى، ئۇلارنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىش بۇنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى. ئارنولد پۈتكۈل ياۋروپا پۇتبولچىلىقىدا ئەڭ ئېتىراپ قىلىنغان ئوڭ بېك بولۇپ قالدى، ئۇ كۇلۇبتىكى سەپداشلىرى گومېز ۋە ماگۇيىر بىلەن ئېنگلاندتىكى ئەڭ مۇكەممەل مۇداپىئە سېپىنى شەكىللەندۈرىدۇ. دېكلان رايسنىڭ چەكلىمىسىز يوشۇرۇن كۈچى بار، ئۇ ئاستا-ئاستا تەرەققىي قىلىشى كېرەك. بۇ كوماندىدا خاررى كېنغا ئوخشاش ھۇجۇمچى بار، راشفوردنىڭ يىراقتىن توپ كىرگۈزىشى، ستېرلىڭنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمى، سانچونىڭ پۇرسەت يارىتىشى، ئۇنىڭدىن باشقا چىلۋېل ۋە ئارنولدنىڭ كۆرۈنەرلىك ياردەم بېرىش ئىقتىدارى بار، ئۇلار ھۇجۇم سېپىگە ياردەم قىلالايدۇ.


分享到: