新闻详情

ياۋروپا لوڭقىسىنى مەستانىلار نەق مەيداندا تۇرۇپ كۆرەلەيدۇ

发表时间:2021-04-21 17:12作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى

ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورى ئارقىلىق بۇ يىل يازدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە توپ مەستانىلىرىنىڭ مۇسابىقە مەيدانىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، ئەمما ئوخشىمىغان شەھەرلەردىكى چەكلىمىلەرنىڭ سانى ئوخشىمايدۇ. لوندون، رىم قاتارلىق توققۇز شەھەر مۇناسىۋەتلىك پىلانىنى ئېلان قىلدى، بىلباۋ، دۇبلىن ۋە ميۇنخېندىن ئىبارەت ئۈچ شەھەر مەستانىلەرنىڭ مۇسابىقىنى نەق مەيداندا كۆرۈش پىلانىنى 23-ئاپرېلدىن بۇرۇن ئېلان قىلىدۇ.

پىلاننى ئېلان قىلغان توققۇز شەھەر ئىچىدە، ۋېنگىرىيە بۇداپېشت تەنتەربىيە مەيدانىنى %100 ئېچىشنى نىشان قىلغان بىردىنبىر شەھەر، ئەمما مۆلچەرلىنىشىچە، شۇ ۋاقىتقىچە تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا كونترول قىلىش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلىدىكەن.

قالغان شەھەرلەر ئىچىدە، رۇسىيەدىكى سانت پېتىربۇرگ ۋە ئەزەربەيجاننىڭ باكۇدىكى تەنتەربىيە مەيدانلىرىنىڭ %50 ئېچىلىشىدىن ئۈمىد بار. بۇخارېست، ئامستىردام، كوپېنھاگېن، گلاسگوۋ ۋە رىم قاتارلىق شەھەرلەر نەق مەيدانغا كىرىدىغان تاماششىبىنلار نىسبىتىنى %25دىن %33 ئەتراپىدا كونترول قىلىشنى مۆلچەرلىمەكتە، لوندون بولسا ھازىر پىلاننى ئېلان قىلغان شەھەرلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئىھتىياتچان تەدبىر قوللانغان ئورۇن بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، ئۈچ مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ۋە 16 كۈچلۈكنىڭ شاللاش باسقۇچىدا، نەق مەيدان تولۇش نىسبىتى %25 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامىستېردام، بۇخارېست، كوپېنھاگېن ۋە سانت پېتىربۇرگ شەھەرلىرى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن يەنىلا پىلانىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ مۇسابىقە كۆرۈش ئۈچۈن نەق مەيدانغا كىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا لوندونمۇ يېرىم ھەل قىلغۇچ ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، نەق مەيدان تولۇش نىسبىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

نەچچە كۈن بۇرۇن ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئىجرائىيە كومىتېتى شىۋىتسارىيەنىڭ مونترېكىس شەھىرىدە يىغىن ئاچقان بولۇپ، 2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ بۇ يىل يازدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقە مەيدانى توغرىسىدا 23-ئاپرېل ئاخىرقى قارارنى چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئورگان تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەسلىدە بىلباۋ، دۇبلىن ھەم شۇنداقلا ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مۇسابىقىلەردە مەستانىلەرنىڭ نەق مەيداندا كۆرۈش پۇرسىتى بار-يوقلۇقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن، ئىجرائىيە كومىتېتى يەنە بىر قانچە تاللاش مۇمكىنچىلىكى بار لاھىيەنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. ئىجرائىيە كومىتېتى   ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرا تارماقلىرىدىن 23-ئاپرېل (شۇ يەر ۋاقتى جۈمە كۈنى) ئۆتكۈزۈلىدىغان سىن يىغىنىدا مۇسابىقە ئۆتكۈزىدىغان مەيدان ھەققىدە ئاخىرقى قارارنى چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان.


分享到: