新闻详情

ياۋروپا لوڭقىسىدا ھەر قايسى كوماندىلار ئادەم سانىنى 23تىن 26گە كۆپەيتسە بولىدۇ

发表时间:2021-05-04 17:14作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى

بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يېقىندا ئورگان تورى ئارقىلىق بۇ يىل يازدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە ھەر قايسى كوماندىلارنىڭ توپچىلار تىزىملىكىنى 23 كىشىدىن 26 كىشىگە كۆپەيتسە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا كوماندا ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنى چوقۇم 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن تاپشۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغان.

ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى ئاپەت تۈپەيلى بەزى مۇسابىقىلەردە ھەتتا توپچىلار يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كېلىپ چىقىشى مۇمكىنلىكىنى نەزەردە تۇتقان.

ئەمما ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 26 كىشىلىك كوماندا تىزىملىكى دەل شۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان ئادەم سانى ھېسابلىنىدىكەن، يەككە مەيدان مۇسابىقىدىكى كوماندا تىزىملىكى يەنىلا 23 نەپەر تىزىملىك بىلەن چەكلىنىدىكەن، بۇلار 11 نەپەر ئاساسلىق ئەزا ۋە 12 نەپەر زاپاس ئەزا ھەم شۇنداقلا جەمئىي ئۈچ نەپەر قاپقىچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

توپچىلار تىزىملىكىنى ئالماشتۇرۇش بەلگىلىمىسى تۆۋەندىكىچە:

2021-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى توپچىلار تىزىملىكى يوللانغاندىن كېيىن، ھازىرقى قائىدىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر تىزىملىككە تاللانغان توپچى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئېغىر يارىلانغان ياكى كېسەل بولغان بولسا، داۋالاش تارماقلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىنى ئالغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا توپچىلار تىزىملىكىنى ھەر ۋاقىت ئالماشتۇرۇشقا بولىدىكەن.


分享到: