新闻详情

ئىبراھىموۋىچ يارىلىنىش سەۋەبىدىن ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشالماسلىقى مۇمكىن

发表时间:2021-05-10 17:17作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى

بۈگۈن سەھەردىكى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 35-ئايلانمىسىدا، AC مىلان 0:3 نەتىجىدە يۇۋېنتۇسنى مەغلۇپ قىلدى، لېكىن ئىبراھىموۋىچ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يارىلىنىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىبراھىموۋىچ يارىلىنىش سەۋەبىدىن بۇ يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشالماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.

ئىبراھىموۋىچ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە توپ تالىشىش جەريانىدا يارىلانغان، گەرچە مەيدان سىرىتىدا يارىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن بەرداشلىق بېرەلمەي مەيداندىن چۈشۈپ كەتكەن. مۇسابىقىدىن كېيىن، ترېنېر پىئولى ئىبراھىموۋىچنىڭ مۇسابىقىدىن ئىلگىرى بىر ئاز بىئارام بولغانلىقىنى، كوماندىنىڭ بۇ قېتىم يارىلىنىشنىڭ ئېغىر بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىبراھىموۋىچنىڭ تىزىنىڭ زەخىملىنىشىنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ئۇ مەيداندىن ئايرىلغاندا ئامالسىز بېشىنى لىڭشىتقان. ئىبراھىموۋىچنىڭ كەسپىي ھاياتىدا كۆپ قېتىم تىزى يارىلانغان. ئىبراھىموۋىچ بۇ يىل شىۋېتسىيە دۆلەت كوماندىسىغا قايتىپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئەسلى مەقسىتى كوماندا بىلەن ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىش. شىۋېتسىيە كوماندىسى 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.


分享到: