新闻详情

ئوخشاش بىر يىلدا ياۋروپا لوڭقىسى ھەم چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە چېمپىيون بولغان توپچىلار

发表时间:2021-05-15 17:19作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى

يېقىندا ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورى ئارقىلىق تارىختىن بۇيان ئوخشاش بىر يىلدا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا لوڭقىسىدا چېمپىيون بولغان توپچىلارنى باھالاپ چىققان، ئارىسىدا ھەممەيلەنگەن تونۇشلۇق كۆپلىگەن توپچىلارمۇ بار بولۇپ، مەسىلەن رونالد كوماند، توررېس، كرىستىيانو رونالدو قاتارلىقلار، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بۇ يىل ئوخشاشلا ياۋروپا لوڭقىسى بىلەن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە تەڭلا چېمپىيون بولالايدىغان توپچىلارنىمۇ باھالاپ چىققان بولۇپ، بۇلارمۇ دېبرۇينې، كانت، بېرناردو سىلۋا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

رونالدو ئەينى يىلى خانلىق مادرىدتىكى سابىق سەپدىشى پېپې بىلەن بىرلىكتە 2016-يىلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، ئۇلار يەنە شۇ 2016-يىلى ياۋروپا لوڭقىسىدا پورتۇگالىيەنىڭ چېمپىيون بولۇشىغا ياردەم بەرگەن، تارىختىن بۇيان پەقەت توققۇز نەپەر توپچىلا ئوخشاش بىر يىلدا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا لوڭقىسىدا چېمپىيون بولغان بولۇپ، 2021-يىلى يەنە كىملەر بۇ سەپكە يېڭىدىن قوشۇلىدىغاندۇ؟ بۇ ھەقتىمۇ ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا شۇ خىل مۇمكىنچىلىكى بار توپچىلارنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلىپ باھالاپ چىققان.

چېلسى: كوۋاچىچ (كرودىيە)، چرېستېنسېن (دانىيە)، ئابراھام، چىلۋېل، ئودوي، جامېس، مونت (ئېنگلاند)، گرۇد، كانت، زۇما (فرانسىيە)، خاۋېرتز، رۇدىگېر، ۋېرنېر (گېرمانىيە)، يورگىنھو، ئېمېرسون (ئىتالىيە)، گىلمور (شوتلاندىيە)، كېپا، ئازپىلىكۇتا، ماركوس ئالونسو (ئىسپانىيە)

مانچېستېر شەھىرى، دېبرۇينې (بېلگىيە)، فودېن، ستېرلىڭ، ستونېس، ۋالكېر (ئېنگلاند)، مېندى (فرانسىيە)، ئاكې، ساندلېر (گوللاندىيە)، رۇبېن دىياس، بېرناردو سىلۋا، كانسېلو (پورتۇگالىيە)، لاپورتا، گارسىيا، رودرى، توررېس (ئىسپانىيە) زېنچېنكو (ئۇكرائىنا)

ئوخشاش بىر يىلدا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن توپچىلار تۆۋەندىكىچە:

1964-يىلى: لۇئىس سۇئارېز (خەلقئارا مىلان، ئىسپانىيە)

1988-يىلى: ۋان برۇكېلېن، رونالد كومان، ۋان ئارلې، ۋانېنبۇرگ (ئېيېنخوۋېن، گوللاندىيە)

2012-يىلى: فېرناندو توررېس، ماتا (چېلسى، ئىسپانىيە)

2016-يىلى: كرىستىيانو رونالو، پېپې (خانلىق مادرىد، پورتۇگالىيە)

كېفتنىڭ يۇقارقى تىزىملىكتە ئىسمى يوق بولۇپ، گەرچە ئۇ ئېيېنخوۋېن بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە چېمپىيون بولغان بولسىمۇ، ئەمما 1988-يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسىدا زاپاس ئەزالار قاتارىدا ئولتۇرۇپ، گوللاندىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چۈشۈپ باقمىغان.

2000-يىلى خانلىق مادرىد توپچىسى ئانېلكامۇ فرانسىيە كوماندىسىدا ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئەمما ئۇنىڭ سەپدىشى كارېمبۇنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ناچار، ئۇ 2000-يىلىدىكى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مەيدانغىمۇ چۈشەلمىگەن.


分享到: