新闻详情

فرانسىيە ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بېنزېما تاللاندى

发表时间:2021-05-19 17:25作者:ئەلكۈيى تورى来源:دوڭچيۇدى تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 19-ماي سەھەردە، فرانسىيە دۆلەت كوماندىسى ئورگان تورى ئارقىلىق، ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە بېنزېما دۆلەت كوماندىسىغا قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا مباپپې باشچىلىقىدىكى كۆپچىلىككە تونۇشلۇق توپچىلارمۇ تىزىملىككە تاللانغان.

خانلىق مادرىد ھۇجۇمچىسى بېنزېما ئالتە يىلدىن كېيىن قايتا دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان، 33 ياشقا كىرگەن خانلىق مادرىد ھۇجۇمچىسىنىڭ ئالدىنقى قېتىم فرانسىيە دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان ۋاقتى 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگە توغرا كېلىدىكەن.

بېنزېما بۇ يىل 33 ياش، فرانسىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 81 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 27 توپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە 18 قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن.

فرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەڭ يېڭى قارارلىق توپچىلار تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

قاپقىچىلار: لورىس (توتتېنھام)، مايگنان (لىل)، مانداندا (مارسېل)

بېكلار: دىگنى (ئېۋېرتون)، دۇبويس (لىئون)، لۇكاس ھېرناندېز (بايرېن مىيۇنخېن)، كىمپېمبې (پارىژ سانت گېرمان)، كوندې (سېۋىللا)، لېنگلېت (بارسېلونا)، ۋارانې (خانلىق مادرىد)، پاۋارد (بايرېن مىيۇنخېن)، زۇما (چېلسى)

ئوتتۇرا مەيدان: كانت (چېلسى)، پوگبا (مانچېستېر بىرلەشمىسى)، رابىئوت (يۇۋېنتۇس)، تولىسسو (بايرېن مىيۇنخېن)، سىسسوكو (توتتېنھام)

ھۇجۇمچىلار: بېنزېما (خانلىق مادرىد)، گىرۇد (چېلسى)، مباپپې (پارىژ سانت گېرمان) ، كىچىك تۇرام (مونشېنگلادباخ)، كومان (بايرېن مىيۇنخېن)، بېنيېددېر (موناكو)، لېمار (مادرىد ئاتلېتكا)، دېمبېلې (بارسېلونا)

ئېنىقكى بۇ قېتىمقى تىزىملىكتىكى ئەڭ قىزىق نۇقتا بېنزېمانىڭ دۆلەت كوماندىسىغا قايتىشى، تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، دېسچامپىس ئۇنى چوقۇم 11 نەپەر ئاساسلىق ئەزالارنىڭ قاتارىغا كىرگۈزىدىغان بولۇپ، بېنزېما دۆلەت كوماندىسىدا 19-نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيىمىنى كىيىدىكەن.

بۇ قېتىم فىرانسىيە كوماندىسى ياۋروپا لوڭقىسىدا گېرمانىيە، پورتۇگالىيە ۋە ۋېنگىرىيە كوماندىلىرى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، F گۇرۇپپا ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ھالاكەت گۇرۇپپىسى» ھېسابلىنىدىكەن، فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ ياۋروپا لوڭقىسىدىكى تۇنجى رەقىبى گېرمانىيە كوماندىسى ئىكەن.


分享到: