新闻详情

گېرمانىيە ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

发表时间:2021-05-19 17:32作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى

گېرمانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئورگان تورى ئارقىلىق، ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، توماس مۇللېر، خۇممېلس قاتارلىق پېشقەدەم توپچىلار تىزىملىككە قايتىپ كەلگەن، 18 ياشقا كىرگەن مۇسىيالامۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى تىزىملىككە بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىدىن سەككىز نەپەر توپچى تاللانغان. بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسىغا قاپقىچى ترېستېگېن يارىلىنىش سەۋەپلىك قاتنىشالمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا دورتمۇند كاپىتانى رېئۇس ئۆزى ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، بۇ قېتىم گېرمانىيە كوماندىسى ياۋروپا لوڭقىسىدا فىرانسىيە، پورتۇگالىيە ۋە ۋېنگىرىيە كوماندىلىرى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن، گېرمانىيە كوماندىسى ياۋروپا لوڭقىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن ئوينايدۇ.

گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ئەڭ يېڭى قارارلىق توپچىلار تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

قاپقىچىلار: نويېر (بايرېن مىيۇنخېن)، لېنو (ئارسېنال)، تراپ (فرانكفۇرت)

بېكلار: جىنتېر (مونشېنگلادباخ)، گوسېنس (ئاتلانتا)، گۇنتېر (فرىبۇرگ)، خالستېنبېرگ (لېيپزېگ قىزىل كالا)، خۇممېلس (دورتمۇند)، كلوستېرمان (لېيپزېگ قىزىل كالا)، كوچ (لېز بىرلەشمىسى)، رۇدېگىر (چېلسى)، سۈلې (بايرېن مىيۇنخېن)

ئوتتۇرا مەيدان ۋە ھۇجۇمچىلار: گىنابرى (بايرېن مىيۇنخېن)، گورېتزكا (بايرېن مىيۇنخېن)، خاۋېرتز (چېلسى)، خوفمان (مونشېنگلادباخ)، كىممىچ (بايرېن مىيۇنخېن)، تونى كروس (خانلىق مادرىد)، توماس مۇللېر (بايرېن مىيۇنخېن)، نېئۇخائۇس (مونشېنگلادباخ)، سانې (بايرېن مىيۇنخېن)، ۋوللاند (موناكو)، ۋېرنېر (چېلسى)


分享到: