新闻详情

ياۋروپا لوڭقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن رونالدو ئىككى چوڭ «شۇم خەۋەر» تاپشۇرۇۋالدى

发表时间:2021-05-22 17:38作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

بۇ يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ نىشانى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ چېمپىيون بولۇش. بىراق پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ بۇ يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش سەپىرى ئويلىغاندىكىدىنمۇ قىيىنچىلىقلارغا تولدى، چۈنكى ئۇلار ھازىر «ھالاكەت گۇرۇپپىسى»دا تۇرۇۋاتىدۇ.

ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ كاپىتانى كرىستىيانو رونالدو ئارقا-ئارقىدىن ئىككى «شۇم خەۋەر» تاپشۇرۇۋالدى. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا پورتۇگالىيە كوماندىسى يەنە بىر قېتىم چېمپىيون بولالارمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىشىمۇ ناھايىتى قىيىن.

پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ ياۋروپا لوڭقىسى گۇرۇپپا باسقۇچىدىكى رەقىبى فىرانسىيە كوماندىسى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ سەپ شەكلىدە ئالتە يىلدىن بۇيان دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلمىغان بېنزېمانىڭ ئىسمى قايتىدىن پەيدا بولدى.

ھازىر بېنزېمانىڭ فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ چوڭ تىزىملىككە كىرىشى كوماندىغا نىسبەتەن بىر خۇشخەۋەر ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى فىرانسىيە كوماندىسى بېنزېما بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونى ۋە ياۋروپا لوڭقىسىدا ئىككىنچىلىككە ئېرىشىپ، پۇتبول دۇنياسىدىكى كۈچلۈك كوماندىغا ئايلاندى. ھازىر بېنزېماغا ئېرىشكەن فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

بېنزېمانىڭ فىرانسىيە كوماندىسىغا قايتىپ كېلىشى خۇددى يولۋاسقا قانات چىققاندەك ئىش بولدى، شۇڭا پورتۇگالىيە كوماندىسىنى خەتەر ئىچىدە قالدى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى فىرانسىيە كوماندىسى پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە 17 مەيدان غەلىبە قىلىپ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ، ئالتە مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن. ھازىر پورتۇگالىيە كوماندىسى سەپ شەكلى كۈچلۈك فرانسىيە كوماندىسىغا دۇچ كەلدى، پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ غەلىبە قىلىش نىسبىتى چوڭ ئەمەس.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىسى «سۈرەت گېزىتى» ۋە «تەنتەربىيە سۈرەت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە توماس مۇللېر گېرمانىيە كوماندىسىغا قايتىپ كېلىپ، ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن.

توماس مۇللېرنىڭ گېرمانىيە كوماندىسىغا تاللىنىشى خۇشخەۋەر ھېسابلىنىدۇ. بىراق بۇ خۇشخەۋەر پورتۇگالىيە كوماندىسى ئۈچۈن «شۇم خەۋەر» ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى يېقىنقى ئىككى مۇسابىقە پەسلىدە توماس مۇللېر بەش چوڭ بىرلەشمىنىڭ ياردەمچى پاس شاھىغا ئايلانغان بولۇپ، گېرمانىيە كوماندىسى توماس مۇللېرغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ھۇجۇم كۈچى تەبىئىيلا يۇقىرى بولىدۇ.

كرىستىيانو رونالدو پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىغا كىرگەندىن بۇيان ئەزەلدىن گېرمانىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ باقمىغان (تۆت مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە مەغلۇپ بولغان) شۇڭا، گېرمانىيە كوماندىسىنى پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ ئەڭ چوڭ كۈشەندىسى دېيىشكە بولىدۇ. يەنە «قارا تۇلپار» دەپ ئاتالغان ۋېنگىرىيە كوماندىسىغا تاقابىل تۇرۇشىمۇ پورتۇگالىيەگە نىسبەتەن تەسكە چۈشىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ ياۋروپا لوڭقىسى چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ تولىمۇ تەس ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر پورتۇگالىيە كوماندىسى گۇرۇپپىدىن چىقالمىسىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.


分享到: