新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى ليۇ ئەپەندى 46800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-05-31 18:42作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

«شادلىق 8» ئويۇنى شىنجاڭ رايونىدا بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، ئۆزگىچە قىزىقارلىق، مول مۇكاپات پۇلى، يېڭى لاتارىيە ئۇيۇنى قاتارلىق ئارتۇقچىلىرى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

يىل بېشىدا شىنجاڭ رايونىدا «شادلىق 8» ئويۇنى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، ليۇ ئەپەندى ئىزچىل كۆزىتىش پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ كەلگەن، 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۇ ئەتراپىدىكى لاتارىيەچى دوستلىرىغا ئارقا-ئارقىدىن مۇكاپات چىققانلىقىنى كۆرۈپ، ئاخىرى قىزىقىشىنى باسالماي، «شادلىق 8» ئۇيۇنىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. ئۇ ئويۇن قائىدىسىنى ئۆگىنىشتىن قول سېلىپ، توردىن تۇنجى سان «شادلىق 8» دىن باشلاپ بارلىق مۇكاپات نومۇرلىرىنى چۈشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە بىر ئېلېكترونلۇق جەدۋەلنى رەتلەپ، ئالدى بىلەن ئۇلانما نومۇر، چۈشۈپ قالغان نومۇر قاتارلىق ئالاھىدە كۆرسەتكۈچلەرنى تاللاپ چىقىپ، ئاندىن يۈزلىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن كۆڭلىدىكى نومۇرلارنى تاللىدى.

5-ئاينىڭ 16-كۈنى، ليۇ ئەپەندى شىخەنزە شەھىرىدىكى 65030013 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ، «شادلىق 8» ئۇيۇنى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكەندىن كېيىن نومۇر تاللاشنى باشلىدى. ئۇ جەمئىي ئۈچ پارچە لاتارىيە بېلەت سېتىۋالغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئون يەككە بېلەت، دەن 6 چۈەن تو، دەن 5 چۈەن تو، ھەممىسىدە مۇكاپات چىققان بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دەن 5 دا ھەممىدىن كۆپ مۇكاپات چىققان، بەش دانە دەننىڭ ھەممىسى چىققان، ۋە بىراقلا 46800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

5 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ليۇ ئەپەندى شىخەنزە پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«مەن لاتارىيە ئويناۋاتقىلى ئون نەچچە يىل بولدى، ئىلگىرى بۇنداق چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىغان ئىدىم! بەك خۇشال بولدۇم! شادلىق ئويۇنى بەك قالتىس ئىكەن!»-دېدى.

(شىخەنزە جاڭفەن)

分享到: