新闻详情

ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشالمايدىغان توپچىلاردىن تۈزۈلگەن ئەڭ قىممەت سەپ شەكلى

发表时间:2021-05-25 17:44作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى

بۇ قېتىملىق ياۋروپا لوڭقىسى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى باشلىندۇ. گېرمانىيە«يۆتكىلىش بازىرى تورى» بۇ قېتىملىق ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشالمايدىغان توپچىلاردىن تۈزۈلگەن ئەڭ قىممەت سەپ شەكلىنى ئېلان قىلدى، بۇ توپچىلارنىڭ ئومۇمىي باھاسى 496 مىليون ياۋروغا يەتتى، سېربىيەدىن تۆت توپچى، نورۋېگىيەدىن ئۈچ توپچى بۇ سەپ شەكلىگە تاللاندى. بارسېلونا ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى پيانىچمۇ بۇ سەپ شەكلىگە تاللاندى، خالاند 110 مىليون ياۋرو، ئوبلاك 90 مىليون ياۋرو قىممىتى بىلەن بۇ سەپ شەكلىدىكى ئەڭ قىممەت توپچىلاردىن ئورۇن ئالدى.

ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشالمايدىغان توپچىلاردىن تۈزۈلگەن ئەڭ قىممەت سەپ شەكلى تۆۋەندىكىچە:
قاپقىچى: ئوبلاك (سىلوۋېنىيە، مادرىد ئاتلېتكا، 90 مىليون ياۋرو)
بېكلار: مىلېنكوۋىچ (سېربىيە، فىئورېنتىنا، 28 مىليون ياۋرو)، كۇمبۇللا (ئالبانىيە، رىم، 27 مىليون ياۋرو)، مانولاس (گرېتسىيە، ناپولى، 28 مىليون ياۋرو)
ئوتتۇرا مەيدان: كوستىچ (سېربىيە، فرانكفۇرت، 32 مىليون ياۋرو)، پيانىچ (قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى، بارسېلونا، 28 مىليون ياۋرو)، مىلىنكوۋىچ ساۋىچ (سېربىيە، لازىئو، 70 مىليون ياۋرو)، بېرگې (نورۋېگىيە،(شېفېلېد بىرلەشمىسى، 18 مىليون ياۋرو)، ئودېگارد (نورۋېگىيە، خانلىق مادرىدتىن ئارسېنالغا ئىجارىگە بېرىلگەن، 40 مىليون ياۋرو)
ھۇجۇمچىلار: خالاند (نورۋېگىيە، دورتمۇند، 110 مىليون ياۋرو)، ۋىلاخوۋىچ (سېربىيە، فىئورېنتىنا، 25 مىليون ياۋرو)


分享到: