新闻详情

كرىستىيانو رونالدو ياۋروپا لوڭقىسىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان سۈرىتىنى ئېلان قىلدى

发表时间:2021-05-29 17:46作者:ئەلكۈيى تورى来源:دوڭچيۇدى تورى

پات ئارىدا باشلىنىدىغان ياۋروپا لوڭقىسىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى لىسبوندىكى پۇتبول شەھەرچىسىگە يىغىلىپ كوللېكتىپ مەشىقنى باشلىۋەتتى، بۈگۈن كرىستىيانو رونالدو ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدا مەشىق قىلىۋاتقان سۈرىتىنى ھەمبەھىرلەش بىلەن بىرگە: «ئۆيگە قايتىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم» دەپ يازما ئېلان قىلدى.

2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن فرانسىيە، گېرمانىيە، ۋېنگىرىيە قاتارلىق كوماندىلار بىر گۇرۇپپا (F گۇرۇپپا)غا بۆلۈندى.

ياۋروپا لوڭقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن پورتۇگالىيە كوماندىسى ئەمەلىي كۈچى بىرقەدەر كۈچلۈك كوماندىلاردىن ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينايدۇ.


分享到: