新闻详情

ياۋروپا لوڭقىسى D گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ قىممەت توپچىلاردىن تۈزۈلگەن سەپ شەكلى

发表时间:2021-05-31 17:47作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى

ياۋروپا لوڭقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، «گېرمانىيە يۆتكىلىش بازىرى تورى» D گۇرۇپپىدىكى باھاسى ئەڭ قىممەت توپچىلاردىن تۈزۈلگەن سەپ شەكلىنى ئېلان قىلدى، بۇ سەپ شەكلىگە ئېنگلاند كوماندىسىدىن 10 توپچى تاللاندى، شوتلاندىيە كوماندىسىنىڭ كاپىتانى روبېرتسون باشقا كوماندىدىن تاللانغان بىردىنبىر توپچى بولۇپ قالدى.

ياۋروپا لوڭقىسى D گۇرۇپپىدىكى تۆت كوماندا: ئېنگلاند كوماندىسى، شوتلاندىيە كوماندىسى، كرودىيە كوماندىسى، چېخ كوماندىسى.

ياۋروپا لوڭقىسى D گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ قىممەت توپچىلاردىن تۈزۈلگەن سەپ شەكلى:

قاپقىچى: ھېندېرسون (ئېنگلاند، 22 مىليون ياۋرو)

بېك: روبېرتسون (شوتلاندىيە، 65 مىليون ياۋرو)، ماگۇيرې (ئېنگلاند، 45 مىليون ياۋرو)، ستونېس (ئېنگلاند، 45 مىليون ياۋرو)، ئارنولد (ئېنگلاند، 75 مىليون ياۋرو)

ئوتتۇرا مەيدان: فودېن (ئېنگلاند، 80 مىليون ياۋرو)، مونت (ئېنگلاند، 75 مىليون ياۋرو)، ستېرلىڭ (ئېنگلاند، 90 مىليون ياۋرو)، سانچو (ئېنگلاند، 100 مىليون ياۋرو)

ھۇجۇم: راشفورد (ئېنگلاند، 90 مىليون ياۋرو)، خاررى كېن (ئېنگلاند، 120 مىليون ياۋرو)


分享到: