新闻详情

گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسى ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

发表时间:2021-05-31 17:50作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى

يېقىندا گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ترېنېرى دېبور دۆلەت كوماندىسىنىڭ ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئەڭ يېڭى قارارلىق توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، دېيوڭ، دېلىگت، دېپاي قاتارلىق كۆپچىلىككە تونۇشلۇق توپچىلار تىزىملىككە تاللاندى، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلغان 34 كىشىلىك تۇنجى تىزىملىككە سېلىشتۇرغاندا، توتتېنھام ھۇجۇمچىسى بېرگۋىن باشچىلىقىدىكى سەككىز نەپەر ماھىر بۇ تىزىملىككە تاللانمىغان، ئۇنىڭدىن باشقا لىۋېرپولنىڭ ئوتتۇرا بېكى ۋاندىكمۇ يارىسى سەۋەبلىك تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن.

گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ 26 كىشىلىك كوماندا تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

قاپقىچىلار: سىلېسسېن (ۋالېنسىيە)، كرۇل (نورۋىچ)، ستېكېلېنبۇرگ (ئاجاكس)

بېكلار: دېلىگت (يۇۋېنتۇس)، دېۋرىج (خەلقئارا مىلان)، دۇمفرېس (ئېيىنخوۋېن)، ۋېلتمان (برايتون)، تىمبېر (ئاجاكس)، ئاكې (مانچېستېر شەھىرى)، ۋان ئانخولت (خرۇستال ئوردا)، بلىند (ئاجاكس)، ۋېندال (ئالكمار)

ئوتتۇرا مەيدان: دېيوڭ (بارسېلونا)، ۋاندېبېك (مانچېستېر بىرلەشمىسى)، گراۋېنبېرچ (ئاجاكس)، كلاسسېن (ئاجاكس)، ۋىينالدۇم (لىۋېرپول)، دېرون (ئاتلانتا)، كوپمېلنېرس (ئالكمار)

ھۇجۇمچىلار: بېرگۇيس (فېيېنۇرد)، گاكپو (ئېيىنخوۋېن)، دېيوڭ (سېۋىللا)، مالېن (ئېيىنخوۋېن)، دېپاي (لىئون)، پرومېس (موسكۋا سپارتا)، ۋېگخورست (ۋولفسبۇرگ)


分享到: