新闻详情

ئۈرۈمچىدىكى لاتارىيەچى شۈ ئەپەندى 200000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-05-31 18:54作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھەر خىل بېلەت تۈرلىرى ئىچىدە، بەش يۈەنلىك « يۈزدەيۈز-ئوتتۇرا ھال نۇقتا توپ جېڭى» بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، كەڭ لاتارىيەلىك دوستلارنىڭ ئىزچىل ياقتۇرۇشىغا ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلدى.

مانا، ئۈرۈمچىدىكى لاتارىيەچى شۈ ئەپەندى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى« يۈزدەيۈز-ئوتتۇرا ھال نۇقتا توپ جېڭى » نىڭ باش مۇكاپاتىغا يەن 200 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. «بىز بۇ تارىخىي پەيتكە بىرلىكتە شاھىت بولدۇق، لاۋشۈ بالدۇر كەلگەنلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى.»-شۈ ئەپەندىگە ھەمراھ بولۇپ ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كەلگەن ئۈچ دوست قارىماققا ناھايىتى خۇشال كۆرۈنەتتى، خۇشال كەيپىياتتا مۇكاپات نەقلەشتۈرگىلى كەلگەن بۇ دوستلار باشقا لاتارىيەچىلەرنى جەلپ قىلدى، كۆپچىلىك خۇشاللىق ئىچىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىش تەسىراتى ھەققىدە پاراڭلاشتى.

ئىگىلىنىشىچە، شۈ ئەپەندى يېڭى لاتارىيەچى بولۇپ، ئۇنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى دوستىنىڭ « قوش رەڭلىك توپ» سېتىۋېلىشىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. شۈ ئەپەندى   سودا قىلىدىغان بۇلۇپ، ئەتراپىمدىكى بۇ بىر نەچچە دوستلىرىنىڭ ھەممىسى پاراۋانلىق لاتارىيەسى « قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، يېقىندىن بۇيان ئۇ بوش ۋاقىتلىرىدا دوستلىرى بىلەن بىللە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشىنى كۆزىتىپ، ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە لاتارىيە سېتىۋېلىش خوشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمان بولدى، ئاندىن ئۆزىمۇ سىناپ بېقىش ئويى پەيدا بولدى لېكىن ئۇ دوستىغا ئوخشاش يۈزلىنىش، ئاتلاش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلماستىن بەلكى   پاراۋانلىق لاتارىيە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتىنىڭ نەپىس بىلەت يۈزى، دەرھال مۇكاپات ئېچىلىپ، دەرھال نەقلەشتۈرۈلۈشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن جەلپ قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ سېتىۋېلىپ سىناپ باقتى، دوستلار ئارىسىدىمۇ يېڭى تېمىلار بارلىققا كەلدى.

5-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە تاماقتىن كېيىن، شۈ ئەپەندى بىكارچىلىقتا بىنادىن چۈشۈپ ئايلاندى ۋە 65010105 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، ئۇ 30 يۈەن چىقىرىپ « يۈزدەيۈز-ئوتتۇرا ھال نۇقتا توپ جېڭى » دىن 6 نى سېتىۋالدى، ئالدىنقى تۆت پارچىسىدا مۇكاپات چىقمىدى، 5-پارچىسىغا كەلگەندە، شۈ ئەپەندى «مەن پەرەز قىلغان توپ سانى» ۋە «مۇسابىقە نەتىجىسى» نىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ «ئىككى» ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئاستىدىكى پۇل سوممىسى 200000 يۈەن ئىدى، شۈ ئەپەندى دەرھال پۈتۈن لاتارىيە بېلىتىنىڭ سۇۋالما قەۋىتىنى پاك-پاكىز قىرىۋەتتى. نەچچە قېتىم قايتا-قايتا تەكشۈرۈپ چىقتى ۋە مال ساتقۇچىنىڭ جەزىملەشتۈرۈشىگە سۇندى، ئېنىق جاۋابقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇ ھاياجىنىنى باسالماي، قولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە لاتارىيەنى قىرىپ بۇلۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ خۇشال ھالدا ئۆيگە قايتتى.

شۈ ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى خۇشاللىق بىلەن بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئورنىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، ۋە ئۆزلىرىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى، كېيىنكى قېتىملىق ئامەتنىڭ يېتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى!

2.png

(مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتى)

(ئۈرۈمچى جاڭ مىن)


分享到: