新闻详情

بىر جۈپ ئاشىق ـ مەشۇق 400000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-06-01 17:13作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەڭ تەلەيلىك بىرى بولۇشىنى، كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە تەلەيلىك دەقىقىلەر ھەر كۈنى بىزنىڭ يېنىمىزدا يۈز بېرىدۇ!

5 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى تەلەيلىك بىر جۈپ ئاشىق ـ مەشۇقنى كۈتۈۋالدى، خىزمەتچى خادىملارنىڭ بېكىتىشى بىلەن، بۇ ئىككى ياش «ئون ھەسسە ئامەت» 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا يەنى 400 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

«تۇنجى قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا ئويلىمىغان يەردىن 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپتىمەن، بەك ھەيران قالدىم! بەك خۇشال بولدۇم!» ــ دېدى ياش يىگىت ھاياجانلانغان ھالدا.

ـــ«ئۇنداق بولۇشى مەن يېنىڭىزدا تۇرۇپ مەدەت بەرگەنلىكىم سەۋەب بولدى!»-دېدى قىز پەخىرلەنگەن ھالدا.

5- ئاينىڭ 14- كۈنى، بۇ ئىككىيلەن سىرتقا چىقىپ بازار ئايلاندى، 65010435 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتكەندە، قىزچاق پونكىتتىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ لاتارىيە ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تۇيۇقسىز ئوغۇل دوستىغا: « بولمىسا بىزمۇ بېرىپ كۈرۈپ باقايلى، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقايلى!»-دېدى، ئىككىيلەن سىناپ بېقىش مەقسىتىدە تۇنجى قېتىم پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتىغا كىرىپ، مال ساتقۇچىدىن لاتارىيە ئويۇنىنى بىر قۇر چۈشەنگەندىن كېيىن، مال ساتقۇچىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن 50 يۈەنگە بەش پارچە «ئون ھەسسە ئامەت» نى سېتىۋالدى.

بۇ تۇنجى قېتىملىق لاتارىيە سېتىۋېلىش بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئون ھەسسە ئامەت» دېگەن سان بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، ئىككىيلەن ناھايىتى ئەستايىدىل ئوينىدى. « ئەسلىدە مۇكاپات چىقسىمۇ ئوتتۇرا كىچىك مۇكاپات چىقىدۇ»-دېدى ئوغۇل بالا، لىكن ئۇ « مېنىڭ نومۇرۇم» ۋە « مۇكاپات نومۇرى» 42 ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى، ۋە مۇكاپات سوممىسىنىڭ 400000 يۈەن ئىكەنلىكىنى بايقىدى، بۇ بايقاش ئۇنى بىر نەچچە سېكۇنت تۇرغۇزۇپ قويغان ئىدى، ئارقىدىنلا بىر تەرەپتىكى قىز دوستىنى بىرگە جەزملەشتۈرۈشكە چاقىردى، ئۇلار نەچچە قېتىم قايتا-قايتا سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە ئىشەندى.

ـــ يۇقىرى ئاۋازدا دېيىشكە پېتىنالماي، مال ساتقۇچىغا ئاستا كۆرسىتىپ، مۇكاپاتنى قانداق نەقلەشتۈرۈشنى سورىغاندىن كېيىن، ئۇلار دەرھال پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئايرىلدى. قىز مۇنىلارنى بىلدۈردى: مۇكاپاتنى قانداق ئىشلىتىشكە نىسبەتەن، ئىككىيلەن خۇشاللىقنىڭ بەك تۇيۇقسىز كەلگەنلىكىنى سەۋەپلىك تېخى ئويلىنىشقا ئۈلگۈرەلمىگەنلىكىنى، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن بىر گەپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنىڭدىن كېيىن پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋېلىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(ئۈرۈمچى جاڭ مىن)

1.png

分享到: