新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى ما ئەپەندى 104000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-06-01 18:30作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنى 2021129-قارارلىق مۇكاپات ئېچىلدى، شۇ قارارلىق مۇكاپات نومۇرى «816» بولدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 65010129 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى 100 دو 3D يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 104 مىڭ يۈەن بولدى.

65010129 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئوتتۇرا ئاسىيا يولى كوچىسىدىكى ئاۋات بازارغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ جايدا يۇلغۇن قوي گۆشى، ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان تاماق دانلىرى، ئەمدىلا قازاندىن چىققان قوي گۆشى شورپىسى... قويۇق تاماق پۇرىقى پۈتۈن كوچىلارنى قاپلاپ تۇراتتى، يەنە ئىشىك ئالدىدا شىنجاڭ ناۋايخانىسىدا ھەمىشە ئۇزۇن سەپكە تىزىلىپ ئۆچىرەت ساقلاۋاتقان ئىستېمالچى تىزىلىپ تۇراتتى، بۇ يەرمۇ لاتارىيەچلەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن جەم بولۇپ تەبرىكلەيدىغان سورۇنغا ئايلانغانىدى.

ما ئەپەندى پولو دۇكىنىنىڭ خوجايىنى بۇلۇپ، شۇنداقلا پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق لاتارىيەچىسى، 19-چېسلا چۈشتىن كېيىن ئۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۈستەلدىكى مېھماننى ئۇزىتىۋېتىپ، ياندىكى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ «تەتقىقاتىنى» باشلىدى، ئۇ 3D ئويۇنى ئويناشقا ئامراق بولۇپ، ھەر كۈنى بىر نەچچە دو يىلپىز نومۇرى سېتىۋالاتتى، لېكىن شۇ كۈنى لاتارىيەچىلەر يىلپىز نومۇرىنى ناھايىتى كۆپ سېتىۋالغاچقا، ما ئەپەندى ياخشى كۆرۈپ قالغان يىلپىز نومۇرىنى سېتىۋېلىشقا ئامال بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن، جاڭ ئەپەندى تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، يۈزلىنىش خەرىتىسىنى قايتىدىن تەھلىل قىلىپ، « 816» دىن ئىبارەت بۇ دو تىكىش نومۇرىنى تاللاپ، كەسكىنلىك بىلەن ئىككى دو 50 ھەسسە دو تىككەن.

شۇ كۈنى كەچتە، ما ئەپەندى ئۆيىدە كومپيۇتېر ئارقىلىق 3D ئۇيۇنى مۇكاپات نومۇرىنى تەكشۈردى، ئۇ 2021129-قارارلىق مۇكاپات نومۇرى بىلەن ئۆزى دو تىككەن« 816» نىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىدى، ھاياجانلانغانلىقىدىن ياخشى ئۇخلىيالمىدى.

ما ئەپەندى 5 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كەلدى، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مال ساتقۇچى ۋە لاتارىيەچى دوستلارنى دۇكىنىغا قوي پۇتى پولۇسىنى يېيىشكە تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى، تېخىمۇ زور تەلەيگە ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(ئۈرۈمچى ياڭچىڭ)

1.png

分享到: