新闻详情

تارباغاتاي پاراۋانلىق لاتارىيەسى لاتارىيە بېلىتى قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى مۇسابىقىسى

发表时间:2021-06-01 19:00作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

« 100 يىللىق شانلىق نەتىجە ئۈچۈن سوۋغا تەقدىم قىلىش، بەختلىك تۇرمۇشقا كۈچ قوشۇش»

تارباغاتاي پاراۋانلىق لاتارىيەسى لاتارىيە بېلىتى قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى مۇسابىقىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

     جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ۋە گۈزەل تىلەكلىرىنى ئىپادىلەش، مۇھىت ئاسراش ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىش،   ماركىلارنىڭ داڭقىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، 2021 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، پاراۋانلىق لاتارىيەسى لاتارى « 100 يىللىق شانلىق نەتىجە ئۈچۈن سوۋغا تەقدىم قىلىش، بەختلىك تۇرمۇشقا كۈچ قوشۇش» باش تېما قىلغان لاتارىيە بېلىتى قول ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇملىرى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.

2.png

(سۈرەتتە: بارلىق خادىملار خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە)

كەڭ كۆلەمدە توپلاش ئارقىلىق، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر جەمئىي 22 پارچە بولۇپ، بۇ ئەسەرلەر پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىلگەن «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتىدىن ياسالغان. تارباغاتاي پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر) لەردىكى خىزمەتچى خادىملىرىنى نەق مەيداندا باھالاش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا بىر نەپەر 1- دەرىجىلىك مۇكاپات، ئىككى نەپەر 2- دەرىجىلىك مۇكاپات، ئۈچ نەپەر 3- دەرىجىلىك مۇكاپات، تۆت نەپەر رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى، ئۈچ نەپەر مۇنەۋۋەر تارماق رايون تەشكىللەش مۇكاپات تارقىتىلدى.

3.png(1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر «100 يىللىق شانلىق نەتىجە» سۈرەت)

4.png

(1- دەرىجىلىك مۇكاپات تارقىتىش سۈرىتى)

5.png

(رەسىمدىكىسى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر« گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، شانلىق 100 يىل تەبرىكلىدى» سۈرەت)

6.png

(رەسىم 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر « بەختلىك 100 يىل » سۈرەت)

7.png

(رەسىم 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتنىڭ مۇكاپات تارقىتىش سۈرىتى)

8.png

(سۈرەتتە: مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتى خاتىرە سۈرەت)

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلىرىدىكى تىرانسپورت، سەھىيە باشقۇرغۇچىلىرى ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى ساتقۇچىلارنى بەس ـ بەستە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى كۆپچىلىك پاراۋانلىقى ئوبرازىنى تەشۋىق قىلىپ، «كۆپچىلىك پاراۋانلىقى، خەير ـ ساخاۋەت، ساغلاملىق، خۇشاللىق، يېڭىلىق يارىتىش» تىن ئىبارەت پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەدەنىيىتىنى تارقىتىپ، مۇھىت ئاسرايدىغان، دوستانە تۇرمۇش ئىدىيەسىنى تېخىمۇ تەشەببۇس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق ھەر بىر مال ساتقۇچى «بايلىقنى تېجەش، ھەممە نەرسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش» تەك مۇھىت ئاسراش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، مۇھىت ئاسراش، تېجەش ئېڭىنى كۈچەيتتى.

كېرەكسىز، كونا بۇيۇملاردىن پايدىلىنىپ، ساتقۇچىلارنى قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساشقا قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ساتقۇچىلارنىڭ قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى چېنىقتۇردى، ساتقۇچىلار بەس ـ بەستە « 100 يىللىق شانلىق نەتىجە ئۈچۈن سوۋغا تەقدىم قىلىش، بەختلىك تۇرمۇشقا كۈچ قوشۇش» يەنى قول ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇملىرى مۇسابىقىسى پائالىيىتى ئارقىلىق ساتقۇچىلارنى پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقى، قىزغىن مۇھەببىتى ۋە بەختكە ئېنتىلىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، كۆپچىلىكنى قول ھۈنەر ـ سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

(تارباغاتاي پاراۋانلىق لاتارىيىسى)

分享到: