新闻详情

قاغىلىق ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى ئا ئەپەندى 10400 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-06-02 17:51作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

«لاتارىيە بازىرىدا دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ» دەپ ئاتالغان 3D ئويۇنى ئىزچىل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلدى، ئۇنىڭ ئاددىي، قىزىقارلىق، مۇكاپاتتىن ئەمەلىي نەپ ئېلىش ئالاھىدىلىكى ھەر كۈنى نۇرغۇن لاتارىيەچىلەرگە مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ تەمىنى تېتىتىپ كەلمەكتە، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى ئا ئەپەندى دەل مۇشۇنداق بىر تەلەيلىك لاتارىيەچى ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئا ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنىنىڭ مەستانىسى بولۇپ، 3D ئويۇنىنى شىنجاڭدا بازارغا سېلىپلا سېتىۋېلىشنى باشلىغان، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇ مول تەجرىبىلەرنى توپلىغان ھەم ئۆزىگە خاس نومۇر تاللاش ماھارىتىگە ئىگە بولغان. ئا ئەپەندى ھەسسىلەپ دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ دو تىكىشكە ئىنتايىن قىزىقىپ قالغان، بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۇنىڭ بۇ بىر يىلدىن بۇيانقى ئۈچىنچى قېتىملىق 3D ئويۇنىدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئىدى.

5 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى كەچقۇرۇن، ئا ئەپەندى ئولتۇراق رايون ئەتراپىدا سەيلە قىلىۋاتاتتى، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى 65310278 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتتى ۋە پونكت ئىچىگە كىرىپ كەلدى. ئۇ 3D ئۇيۇنى نومۇر يۆنىلىش خەرىتىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تەتقىق قىلىشقا باشلىدى، ئۇزاق ۋاقىت ئانالىز قىلىش ۋە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئا ئەپەندى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە « 3679، 1278، 0348» دىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇپپا نومۇرنى يېزىپ، ئاندىن 10 ھەسسە تاللاپ بېلەت سېتىۋالدى ۋە رازىمەنلىك بىلەن ئۆيىگە قايتتى.

شۇ كۈنى كەچتە، 65310278 پونكىتتىكى ساتقۇچى مۇكاپات چىقىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ، دو تىكىش ماشىنىسىدا بۇ پونكىتتىن چىققان 3D ئويۇن مۇكاپاتىنىڭ 10400 يۈەن ئىكەنلىكىنى بايقىدى. نومۇرغا يەنە تەپسىلىي قارىغاندىن كىيىن، بۇ دەل ئا ئەپەندىنىڭ دو تىككىنى ئەمەسمۇ! مال ساتقۇچى خۇشال بولغان ھالدا: « مۇكاپات چىقتى!»-دەپ توۋلاپ كەتتى، ئۇ تېلېفوندا خۇش خەۋەرنى ئا ئەپەندىگە ئېيتتى.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، ئا ئەپەندى خۇشال ھالدا مال ساتقۇچىغا مۇنداق دېدى: « كۆپ رەھمەت، بۈگۈن تەلىيىم يامان ئەمەس ئىكەن، ئەتە داۋاملىق سىلەرنىڭ پونكىتقا كېلىپ 3D ئۇيۇنى سېتىۋالىمەن، بۇ ھەقىقەتەن مېنىڭ بەختىم!»-دېدى.

(قەشقەر شاۋشا)

9.png

分享到: