新闻详情

گۈل كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىسىدىكى يېڭى ئۇيۇن بازارغا سېلىندى

发表时间:2021-06-02 17:01作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

يېقىندا، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى گۈل كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىسىدىكى لاتارىيە بېلىتى يەنى «ئارزۇ گۈللۈكى» بىلەن «گۈل گۈزەللىكى» نىڭ شىنجاڭدا بازارغا سېلىنىپ سېتىلىدىغان بۇلۇپ، كۆپچىلىكنىڭ گۈل-چېچەكلەرنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىش بىلەن بىللە، « گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرۈش» نى ئۈمىد قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، 10 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو گۈل ـ گىياھ كۆرگەزمىسى 5 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنىدىن 7 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنىگىچە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. گۈل يەرمەنكىسىگە تەييارلىق كۆرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزى 10-نۆۋەتلىك گۈل يەرمەنكىسىنىڭ گېربى، گۈلى، قۇت بەلگىسى، مەيدان-ساراي ۋە جۇڭگونىڭ داڭلىق گۈل-گىياھلىرىنى لايىھەلەش ئامىلى قىلىپ، گۈل يەرمەنكىسىنىڭ باش تېمىسىدىكى لاتارىيە بېلىتىنى بازارغا سالدى، ئۆزگىچە لايىھە ئىدىيەسى بىلەن قىزىقارلىق ئويناش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپچىلىك پاراۋانلىقىنى ئاساس قىلغان پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئىشلىرى بىلەن گۈل كۆرگەزمىسىنىڭ كاتتا پائالىيتىنى بىرلەشتۈرۈپ، گۈزەل گۈل كۆرگەزمىسىنى نامايان قىلىپ، گۈزەل تەلپۈنۈشنى ئىپادىلىدى.

گۈل يەرمەنكىسىنىڭ باش تېمىسىدىكى   بەش يۈەنلىك «ئارزۇ گۈللۈكى» ، 10 يۈەنلىك « چىرايلىق گۈل» ۋە « گۈلدەك ئېچىلغان جۇڭگو ئارزۇسى» ، 20 يۈەنلىك «گۈلگە تولغان زال» دىن ئىبارەت ئۈچ خىل قىممەتلىك، تۆت خىل ئويۇن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 مىڭ يۈەن، 150 مىڭ يۈەن، 500 مىڭ يۈەن ۋە 1 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلىپ سېتىلىدۇ.

10.png

(ئەۋرىشكە لاتارىيە بېلىتى)

بۇ قېتىم شىنجاڭدا بازارغا سېلىنغان گۈل كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىسىدىكى بەش يۈەنلىك «چۈش گۈللۈكى» ۋە ئون يۈەنلىك «گۈل كۆرگەزمىسى» ئىكەن. ئويۇن قائىدىسى: لاتارىيە بېلەت يۈزى يوپۇقىنى قىرىپ ئېچىپ، ئەگەر خالىغان بىر «مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن «مۇكاپات نومۇرى» ئوخشاش بولسا، بۇ« مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئاستى تەرىپىدىكى ماس كېلىدىغان مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. «چۈش گۈللۈكى» نىڭ قىممىتى بەش يۈەن، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ يۈەن؛ «گۈل كۆرگەزمىسى» نىڭ قىممىتى ئون يۈەن، 15 قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتى بار، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 150 مىڭ يۈەن.

(شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى تەشۋىقاتى)

分享到: