新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى فېڭ ئەپەندى 300 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-06-03 17:22作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي، مۇكاپات قايتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى ۋە سېتىۋېلىش، نەقلەشتۈرۈش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى ئىزچىل كەڭ لاتارىيەچىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىپ كەلگەن. 5 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، قاراماي شەھىرىدىكى لاتارىيەچى پۇقرا فېڭ ئەپەندى 300 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىققان «بەخت كۆز ئالدىدا»   لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ، قاراماي پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەچۈرمىشلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن فېڭ ئەپەندى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» نىڭ سادىق ھەۋەسكارى بولۇپ، بولۇپمۇ 10 يۈەنلىك، 20 يۈەنلىك بېلەتلەرنى قىرىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭ قارىشىچە، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي بولۇپ، كاللا ئىشلىتىپ ۋەزىيەتنى تەتقىق قىلىش، مۇكاپات تارقىتىشنى كۈتۈش ھاجەتسىز، پەقەت قول سېلىپ قىرسىلا مۇكاپات چىققان ياكى چىقمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» نىڭ بېلەت يۈزى ناھايىتى نەپىس بولۇپ، ئۇ يەنە نۇرغۇن ياخشى كۆرىدىغان بېلەتنى يىغىپ ساقلىغان.

5- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، فېڭ ئەپەندى 65020131 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، سەككىز پارچە «بەخت كۆز ئالدىدا» سېتىۋالدى، دەسلەپتە ئالدىنقى بىر نەچچە پارچىسىدىن 10 يۈەن 20 يۈەن مۇكاپات چىقتى، ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچىسىنى قىرغاندىن كىيىن تۇيۇقسىز «مۇكاپات نومۇرى» 24 نىڭ بېلەت يۈزىدىكى «مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر رەت ئىككىنچى نۇمۇرنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىدى، مۇكاپات سوممىسى 300 مىڭ يۈەن ئىدى. فېڭ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا ئازراق ئىشەنمىگەن ئىدىم، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى ئويناۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى، گەرچە كىچىك مۇكاپاتلار ئۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش تېخى تۇنجى قېتىم ئىدى، ئۇ دەرھال مال ساتقۇچىغا تەكشۈرتتى، دەلىللەنگەندىن كېيىن ئاندىن ئىشىنىشكە جۈرئەت قىلالىدى. فېڭ ئەپەندى مال ساتقۇچىدىن مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىغاندىن كېيىن، دوستى بىلەن قاراماي پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش زالىدا پەيدا بولدى.

«بۇ تۇنجى قېتىملىق كاتتا مۇكاپات، بۇنىڭدىن كېيىن مەن يەنە دائىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، كۆپچىلىك پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللايمەن.»ـــ دېدى فېڭ ئەپەندى خۇشال ھالدا. فېڭ ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى:«مەن بىر ئىشلەمچى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتا-ئانامغا ھەمراھ بولالمىدىم، كۆپرەك پۇل تېپىپ ئاتا-ئانامغا بىر يۈرۈش ئۆي ئېلىپ بېرەي دەپ ئويلىغان ئىدىم، بۇ قېتىمقى كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق مېنىڭ ئارزۇيۇمنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇردى، پاراۋانلىق لاتارىيەسىگە رەھمەت»-دېدى.

(قاراماي لىلىڭ)

12.png

分享到: