新闻详情

«ھالاكەت گۇرۇپپىسى»: قايسى كوماندىنىڭ ھۇجۇم گۇرۇپپىسى ئەڭ كۈچلۈك؟

发表时间:2021-06-11 01:47作者:ئەلكۈيى تورى来源:سىنا تورى

ياۋروپادىكى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ياۋروپا لوڭقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، F گۇرۇپپا ھالاكەت گۇرۇپپىسى دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ گۇرۇپپىدىكى ئۈچ كوماندا ئالدىنقى ئۈچ نۆۋەتلىك چوڭ مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، گېرمانىيە يۆتكىلىش بازىرى بۇ ئۈچ كوماندىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىلىرىنى پەرەز قىلدى.

2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونى فىرانسىيە كوماندىسى: كومان (بايرېن مىيۇنخېن، 65 مىليون ياۋرو)، بېنزېما (خانلىق مادرىد، 25 مىليون ياۋرو)، مباپپې (پارىژ سانت گېرمان، 160 مىليون ياۋرو).

2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونى گېرمانىيە كوماندىسى: ۋېرنېر (چېلسى، 65 مىليون ياۋرو)، مۇللېر (بايرېن مىيۇنخېن، 35 مىليون ياۋرو)، گنابرىي (بايرېن مىيۇنخېن، 70 مىليون ياۋرو).

2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونى پورتۇگالىيە كوماندىسى: جوتا (لىۋېرپول، 40 مىليون ياۋرو)، كرىستىيانو رونالدو (يۇۋېنتۇس، 50 مىليون ياۋرو)، بېرناردو سىلۋا (مانچېستېر شەھىرى، 70 مىليون ياۋرو).

سىلەرچە قايسى كوماندىنىڭ ھۇجۇم گۇرۇپپىسى ئەڭ كۈچلۈك؟


分享到: